مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 33-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، دۆلەت جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

2021.09.30 13:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 33-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جانلىقلار بىخەتەرلىكى-خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى شۇنداقلا دۇنيا ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەتتا ئۇنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. يېڭى ۋەزىيەتتە جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ۋۇ كۇڭمىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چىقىرىپ، دۆلەت جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىك تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكىدىكى زور خېيىم-خەتەرلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى خەلق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ئەنئەنىۋى جانلىقلار بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بىلەن يېڭىچە جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، چېگرا سىرتىدىكى جانلىقلار تەھدىتى بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى جانلىقلار خېيىم-خەتىرى گىرەلىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولماقتا، جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىدە نۇرغۇن يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلدى، ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۈزەش سىستېمىسىدا يەنە يېتەرسىزلىكلەر، ئاجىزلىقلار مەۋجۇت. ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دۇچ كەلگەن خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئىگىلەپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقات ۋە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغان جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش؛ قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزام سىستېمىسى ۋە تۈزۈم كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرى ۋە جانلىقلار بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ھەققىدىكى تەشۋىقىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش؛ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى خەلق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىستېمىلىق تۈزەش ۋە تولۇق زەنجىرلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تولۇق زەنجىرلىك تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش؛ جانلىقلار بىخەتەرلىكى خېيىم-خەتىرىنى تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەكشۈرۈش پونكىت-نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ئۇچىدىكى بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يېڭىدىن ۋە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەل، زور ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمى، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى، بىيوتېخنىكا، مۇھىت بىخەتەرلىكى قاتارلىق خېيىم-خەتەر ئامىللىرىنى تېزدىن بايقاپ ۋە پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر تاقابىل تۇرۇش؛ زور جانلىقلار بىخەتەرلىكى تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېز، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرى ۋە ئىقتىدار زاپىسىنى كۈچەيتىپ، ھەم ئەمەلىي بۇيۇم زاپىسى ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زاپىسىنى تەييارلاش؛ پائال ئالدىنى ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەلنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى مەنبەسىدىن ئۈزۈپ تاشلاش؛ تېخىمۇ دەل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشنى نىشانلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپپاراتلارنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جانلىقلار بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق خەۋپ-خەتەر ساھەلىرىنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. جانلىقلار بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلار بايلىقى ۋە ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چېگرادىن كىرگەندە كارانتىن قىلىشنى، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەھلىل قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. تارقىلىپ كىرگەنلەر ھەمدە ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلىرىنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلاپ، «بىرگە بىر تەدبىر قوللىنىش» ئارقىلىق دەل جايىدا تۈزەپ، ئۈنۈملۈك يوقىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى كېسەللىك قوزغىغۇچى مىكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىلىرىدىكى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە قائىدىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەجرىبە ئەۋرىشكىسى، تەجرىبە ھايۋىنى، تەجرىبە پائالىيىتىدىكى تاشلاندۇقلارنى قاتتىق باشقۇرۇش؛ مىكرو جانلىقلار دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە قالدۇقىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىيو پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى ساھەسىدە پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى بەرپا قىلىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى پەن تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىيو تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، قوللىنىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، جانلىقلار تەجرىبىخانىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات تۈرىنى ئېتىكا جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە ئالىملارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىنى چىڭىتىش كېرەك. بىيو تېخنىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا جانلىقلار سورتىنى يېتىشتۈرۈش، بىيو دورا ياساش قاتارلىق ساھەلەردە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىدىيەنى زامانىۋى بىيوتېخنىكا بىلەن، جۇڭگو تېبابىتىنى غەرب تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى تەڭ قوللىنىپ، بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكىسى ۋە ئەندىزىسىنى مەركەزلىك كېڭەيتىپ، باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى سىياسىتىنى تۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوش تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 15-قېتىملىق «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش ۋە دۇنيانى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىلمىي پىرىنسىپ، ئىلمىي قائىدە بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇزاق مۇددەتلىك مۈشكۈل ۋەزىپە، بۇنىڭغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تۈزەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشاڭلىق ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ