مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بانباڭ بىلەن كۆرۈشتى

2021.09.29 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 9–ئاينىڭ 27–كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بەنباڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن تۆت قېتىم تېلېفونلىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  بانباڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى بىن، سۇ خۇي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ