شى جىنپىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

2021.09.29 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ▉ پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانىغا، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، 2035-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، 2050-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىش كېرەك.

  ▉ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قانداق بولۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچى، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانىغا، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى ئەتراپلىق يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، بەشىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالتىنچى، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جۇغلاش ۋە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، يەتتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، سەككىزىنچى، ئالىملار روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. يۇقىرىقى سەككىز نۇقتا ئېلىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ▉ شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى قىلىش شەرت. بىزنىڭ نىشانىمىز: 2025-يىلىغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات خىراجەت سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ جۇغلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئىجادىيەت كوللېكتىپىغا ئىگە بولۇش؛ 2030-يىلىغىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بىر تۈركۈم باشلامچىلار، گۈللىنىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى گىرەلەشمە ساھەلەردە بىر تۈركۈم يول ئاچقۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش؛ 2035-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار رىقابىتى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ھازىرلاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

  ▉ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيە ئالىملىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسىنى ئۈستىگە ئالغانلار ئارىسىدىن چوڭقۇر ئىلىم ساپاسىغا ئىگە، ئۇزاق مۇددەت پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، پەن ھالقىپ چۈشىنىش ئىقتىدارى، چوڭ قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئالىملارنى بايقاش كېرەك. زور بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا باشلامچىلىرى ۋە ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى، نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 2035 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، 2050 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇشقا باشتىن ـ ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە قوللىدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق دېگەن مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىنى چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى تېز زورايدى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى، ئىختىساسلىقلار سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى پۇختا قەدەم بىلەن كۈچەيدى، دۆلىتىمىز كۆلىمى زور، ساپاسى ئەلا، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان، رولى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى بىر يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ تەشنا بولدۇق. بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ. ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. ئىختىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ. بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىمىزغا يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى رىقابەت ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچى، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، بەشىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالتىنچى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، يەتتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەككىزىنچى، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. يۇقىرىقى سەككىز نۇقتا بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز: 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ توپلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا ئىگە بولۇش؛ 2030 ـ يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، مۇھىم پەن ـ تېخنىكا ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم باشلامچىلار بولۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالدىنقى سەپ گىرەلەشكەن ساھەلەردە بىر تۈركۈم يول ئاچقۇچىلار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئىختىساسلىقلار رىقابەت سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار مەركەزلەشكەن بىر قىسىم مەركىزىي شەھەرلەردىمۇ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە توپلاش سۇپىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم دۆلەت تەجرىبىخانىسى ۋە يېڭىچە تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق قوللاپ ۋە قۇرۇپ، خەلقئارا زور ئىلىم ـ پەن پىلانىنى باشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى ۋە ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئېھتىياجغا ۋە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلار سۇبيېكتلىق پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش ۋە تاشقى جەھەتتىن نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۆۋەنگە بېرىلگەن ھوقۇق چېكىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك، بېرىلگەن ھوقۇقنى ياخشى ئىشلەتمىگەنلەر، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاقنى پائال بوشىتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ئىشىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالىملارغا تېخىمۇ چوڭ تېخنىكا لۇشيەنىنى قارار قىلىش ھوقۇقى، تېخىمۇ چوڭ خىراجەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، تېخىمۇ چوڭ بايلىقنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار پىلانىنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى خاتىرجەم ئىلىم تەھسىل قىلىش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپرەك نەتىجە يارىتىش، ياخشى نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا پايدىلىق باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم يولغا قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان باشلامچىلار ئارىسىدىن چوڭقۇر ئىلىم ـ پەن ساپاسىغا ئىگە، ئۇزاق مۇددەت پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئالدىن كۆرەرلىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، پەن ھالقىپ چۈشىنىش ئىقتىدارى، چوڭ قوشۇننىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئالىملارنى بايقاش كېرەك. يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر دائىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار يوشۇرۇن ساپاسىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان پەلەمپەيسىمان ئەترەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى، نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات بويىچە ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەش كېرەك. باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى بايقاش مېخانىزمى ۋە تۈر كوللېكتىپلىرىنى تاللاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات شارائىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇش كېرەك. كۆلىمى زور ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ تايانچلىق رول ئوينىشىنى، باش رول ئېلىشىنى قوللاش كېرەك. زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، گەۋدىلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇرەككەپ قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىنژېنېرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ياخشى قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. دۆلىتىمىز دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ زور ئالىي مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە، تۈرلۈك ئىشلار تەرەققىي قىلىدىغان كەڭ سەھنىگە ئىگە بولۇپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تامامەن يېتىشتۈرەلەيدۇ، بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ، ئۇستىلارنى تامامەن يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. بىزدە مۇشۇنداق ئىرادە بولۇشى، مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىش، ئالىي مەكتەپلەر بولۇپمۇ «قوش بىرىنچى قاتار»دىكى داشۆلەر ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى ئاساسىي قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساس پەنلەر ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ھەر تەرەپلىمە پىلانلاپ، بىر تۈركۈم ئاساس پەنلەر بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنى قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى مەخسۇس تۈرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تەبىئىي پەن ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ياش ئىختىساسلىقلارنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاش كېرەك. پەيلاسوپ، ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى، ئەدىب، سەنئەتكارلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار بويىچە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، جانلىق ئىشلىتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئالاھىدە سىياسەت بولۇش، مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزماسلىق، بىر ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىمەسلىك، ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، ئەمەلىي بىلىمى بار ئىختىساسلىقلارنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەغلۇپ بولۇشقا يول قويۇپ، مەغلۇپ بولۇشقا كەڭ قورساق بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سۇپا ھازىرلاپ، بىلىم، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدىغان پايدا تەقسىملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، زىيالىيلار خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەڭ ئىختىساسلىقلار پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولىدىغان، زىچ ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت كۈچلىرى كەڭ قاتنىشىدىغان ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، دۆلەت مۈلكى، پۇل مۇئامىلە، تاشقى ئىشلار قاتارلىق تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، يېتەكچى ئىدىيە، ئىستراتېگىيەلىك نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، سىياسەت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، چىڭخۇا داشۆدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل يولداشلار، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، قىسمەن مۇھىم، تايانچ دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ