پۇت يۇيغاندا سۇغا تۇز سېلىۋېتىڭ
ئاخشىمى پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيسا ھاردۇقنى چىقىرىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر پۇت يۇيىدىغان ئىسسىق سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، تۇز مىكروب ئۆلتۈرۈپ، پۇت پۇراشنى يوقىتىپ، تېرىنى سىلىقلايدۇ.
كونكرېت ئۇسۇلى: بىر داس ئىسسىق سۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ، پۇتنى 15 ~ 30 مىنۇت يۇيغاندىن كېيىن بەدەن قىزىپ تەرلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ. پۇتنى يۇيغاندا بىر پۇتنى يەنە بىر پۇتقا سۈركەپ بەرسە پەيلەرنى بوشىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. پۇت ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ئۇيقۇنى ياخشىلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. پۇتنى كەچلىك تاماقتىن بىرەر سائەت كېيىن يۇيسا ياخشى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ