ساپالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىدىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ
كىشىلەر ئادەتتە ساپالدىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى زەھەرسىز دەپ قارايدۇ. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ساپالدىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېمال ماددىسىدا قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ساپالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پىشۇرغاندا تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق كونترول قىلىنمىسا ياكى بوياق قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمىسە، قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر قىسىم ساپالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى تەركىبىدە قوغۇشۇن، كادمىيلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ساپالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىغا يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى سالغاندا، ئېرىپ چىقىپ كەتكەن قوغۇشۇن، كادمىيلاردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساغلاملىققا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، ساپالدىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن %4 لىك ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. رەڭلىك ساپال قاچىلارغا ھاراق، ئاچچىقسۇ ياكى كىسلاتالىق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرنى سېلىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ساپالدىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېمال ماددىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن سىلىكات تۈرىدىكى ماددىلار زەخىملەنسە يېمەكلىك بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ساپالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئېماللىق سىرى تەكشى، پارقىراق، رەڭگى ئوچۇقلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ