ئېمىۋاتقان موزاينىڭ ئىچى سۈرۈش كېسىلى موزاي ئېمىۋاتقان مەزگىلدە كۆرۈلگەن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، تېزىكى كۆپىيىش، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، ئىچى سۈرۈپ سۇسىزلىنىش، ئاخىرىدا ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كېسەل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، نەسىللىك موزايلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
1. ئالدىنى ئېلىش
(1) بېقىش ھالقىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىنەك بوغاز مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇق ئارىلاشتۇرۇلغان يەم – خەشەك بىلەن بېقىپ، تۆرەلمىنىڭ ئاقسىل، كاروتىن، ۋىتامىن E، سېلىن، تۇز، سۆڭەك پاراشوكى ۋە يېشىل يەم – خەشەككە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش كېرەك.
(2) قوتاننى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.
(3) موزاينى ئوغۇز سۈتى بىلەن ۋاقتىدا ئېمىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
2. داۋالاش
(1) سەككىز سائەتتىن ئون سائەتكىچە ئاچ قويۇش، ئەمما سۇغىرىپ تۇرۇش كېرەك. تۇز سۈيى(ئاشتۇزى 3.5 گىرام، ئىچىملىك سودا 2.5 گىرام، كالىي خىلورىت 1.5 گىرام، شېكەر 20 گىرام نىسبەت بويىچە 1000 مىللىلىتىر سۇدا ئېرىتىش كېرەك) ئىچكۈزۈش كېرەك.
(2) بەش مىللىلىتىردىن ئون مىللىلىتىرغىچە سۇيۇق تۇز كىسلاتاسى، ئۈچ گىرامدىن بەش گىرامغىچە ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنى بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈش كېرەك.
(3) ياللۇغنى ياندۇرۇپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش كېرەك. بۇنىڭدا ئۈچ گىرامدىن بەش گىرامغىچە ئاكتىپ كۆمۈرنى كۈندە ئىككى – ئۈچ ۋاقتىن ئۇدا ئۈچ كۈن بېرىش كېرەك.
(4) يۈرەكنى كۈچەيتىدىغان سۇيۇقلۇقنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش كېرەك.