مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىڭ

2021.09.30 22:20 مەنبە: تىيانشان تورى

يېمەكلىك ئاچچىقسۈيى تەم تەڭشەشتىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:

1.يېمەكلىك ئاچچىقسۈيى دېزىنفېكسىيە قىلىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، يېمەكلىك ئاچچىقسۈيىگە چىلانغان كۆكتات پاكىز ھەم يېيىشلىك بولىدۇ. ئۆيدە ئاچچىقسۇ قايناتقاندا باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. %40لىك ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ باش يۇيغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ، چاچ كېپەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ ئاچچىقسۇ بىلەن ھاكنى ئارىلاشتۇرۇپ، قولتۇققا ھەر كۈنى ئىككى قېتىم سۈرتۈپ بەرگەندە، قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2.ئاچچىقسۇ ھۆسن تۈزەش بۇيۇمى بولالايدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن گېلىتسېرىننى 1: 5 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، دائىم سۈرتۈپ بەرگەندە، يىرىك تېرىنى يۇمشىتىدۇ. يۇيۇنغاندا ئىسسىق سۇغا ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە كىشى راھەت ھېس قىلىدۇ.

3.شورپىغا ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، سۆڭەكتىكى فوسفور، كالىتسىينى پارچىلاش بىلەن، شورپىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەم تەم كىرگۈزىدۇ. كالا، قوي گۆشى قورۇغاندا، ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتكەندە گۆش يۇمشاق پىشىدۇ. توخۇ گۆشى پىشۇرغاندا، ئالدى بىلەن سوغۇق سۇغا ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا چىلاپ ئاندىن سۇس ئوتتا دۈملىگەندە، گۆش يېيىشلىك بولىدۇ. گۆش ياكى تاتلىق بەرەڭگە دۈملىگەندىمۇ ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، پىشىشى تېز، يۇمشاق، تەمى مەززىلىك بولىدۇ.

4. يېڭىدىن سېتىۋالغان ساپالدىن ياسالغان ئاشخانا بۇيۇملىرىنى %10لىك ئاچچىقسۇغا ئىككى، ئۈچ سائەت چىلىغاندىن كېيىن ئىشلەتكەندە، ساپال بۇيۇملاردىكى ئاليۇمىن تەركىبىنى يوقىتىپ، ئاليۇمىندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

5.يېمەكلىك ئاچچىقسۇيى چىشتىكى داغنى تازىلىيالايدۇ. ھەر كۈنى كەچتە چىش چوتكىلاشتىن بۇرۇن ئېغىزىمىزغا ئاچچىقسۇ ئېلىپ 20 ~ 30 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ، چىشىمىزنى چوتكىلاپ بەرسەك ئىككى – ئۈچ قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

6. گالغا قىلتىرىق، سۆڭەك تۇرۇپ قالغاندا، ماندارىننى ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ، گالنى چايقاپ بەرسە، قىلتىرىقنى يۇمشىتىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

7.ھاراقنى كۆپرەك ئىچىۋالغاندا، %50لىك يېمەكلىك ئاچچىقسۈيىدىن 100 ~ 200 مىللىلىتىر ئىچىۋەتسە، ھاراق بىلەن ئاچچىقسۇ ‹‹ئېتىل ئاتسېتات›› رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، مەستلىكنى يېشىپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ.

8.سۇغا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئەينەك ۋە ئائىلە سەرەمجانلىرىنى سۈرتكەندە پارقىراقلىقى ئاشىدۇ.

9. كىيىم – كېچەكنىڭ پۈرلەشكەن يېرىگە ئاچچىقسۇدىن ئازراق تەگكۈزۈپ دەزمال سالسا پۈرلەشكەن ئورۇننى ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

10.ئاچچىقسۇ بىلەن مۇنچا، ئەينەكلەردىكى داغلارنى سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ