ئاپتوموبىل ھاۋا تەڭشىگۈچىنى دەرھال ئېچىۋەتمەڭ
پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلەردە، بىر قىسىم شوپۇرلار ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپلا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، بۇنداق ئۇسۇل كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك گازنى قىسقا ۋاقىتلىق سۈمۈرۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتوموبىل ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃35تىن يۇقىرى بولغاندا، ھىم ئېتىكلىك ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15 مىنۇت ئىچىدىلا ℃65قا چىقىدىكەن. مۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا بىر قىسىم بۇلغاش مەنبەلىرى ئاسانلا بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىدىكەن. بەزى شوپۇرلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى ئېچىپ قويۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى فورمالدېگىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار تېخى تارقىلىپ كەتمىگەچكە، ئاسانلا بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئۇسۇل ئۇزاق داۋاملاشسا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندا، ئاۋۋال ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشقاندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ