ئەتىگەنلىك ناشتىدا قېتىق ئىچسە قورساق ئاسان ئاچمايدۇ
ئەنگلىيەلىك ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەركىبىدە ئوخشاش دەرىجىدە ئېنېرگىيە بولغان 17 خىل يېمەكلىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قېتىق ۋە سۇلۇ ئادەمنى ئەڭ ئۇزاق توقلۇق ھېس قىلدۇرسا، ئەكىسچە شاكىلاتلىق تاتلىق پېچىنە–پىرەنىك ۋە قايماقلىق تورت قورساقنى ئەڭ ئاسان ئاچۇرىۋېتىدىكەن. ئىسسىقلىق مىقدارى ئوخشاش بولغان ۋاقىتتا، ماي مىقدارى قانچە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكنىڭ ئادەمگە تويۇنۇش ھېسياتىنى بېرىشى شۇنچە ئاسان بولمايدىكەن، ئەكىسچە ئاقسىل تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك قورساقنىڭ ئېچىش ۋاقتىنى ئۇزارتقان. شۇڭا ناشتىدا ئازراق قېتىق ئىچسە، قورساق ئاسان ئاچمايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ