بەزى كىشىلەر كۆممىقوناقنى پوستى بىلەن پۆپۈكىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئانچە توغرا ئەمەس. چۈنكى كۆممىقوناقنىڭ سىرتقى پوستى كۆممىقوناقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئاسان پارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىغاندىن باشقا، كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىي تەمىنى ساقلاپ تۇرۇش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. كۆممىقوناقنى سۇدا پىشۇرغان ۋاقىتتا سىرتقى قەۋىتىدىكى قېلىن پوستىنى سويۇۋېتىپ، كۆممىقوناق دېنىغا چاپلىشىپ تۇرغان نېپىز ئىككى قەۋەت پوستىنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆممىقوناقنىڭ پۆپۈكىنى ئېلىۋەتمەي بەلكى پۆپۈكىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ كۆممىقوناق بېشى بىلەن بىللە قوشۇپ پىشۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كۆممىقوناقنىڭ ئۆزىگە خاس تەمىنى ساقلاپ قالغىلى ھەم ئاسان پىشۇرغىلى بولىدۇ.
كۆممىقوناقنى ئادەتتە سەككىز مىنۇت ئەتراپىدا سۇدا پىشۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كۆممىقوناق پىشقاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى دەرھال كۆممىقوناق دېنى ئارىلىقلىرىغا كىرىپ قالغان سۇنى پاكىز چىقىرىۋېتىش كېرەك، بولمىسا كۆممىقوناقنىڭ تەمى ئانچە ياخشى بولماي قالىدۇ.
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، كۆممىقوناقنىڭ پوستى ۋە پۆپۈكى بىلەن بىللە قوشۇپ پىشۇرغاندىن كېيىنكى شورپىسى ئادەتتە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ئىچسە پايدا قىلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ