ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سىرتنىڭكىدىن سەككىز ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكا ‹‹لودىر›› خەۋەرلەر تورى ئۆي ئىچىدىكى 31خىل بۇلغىنىشنى يەكۈنلەپ چىققان:
1. يۇيۇنۇش ئون مىنۇت يۇيۇنۇش بەدەننىڭ 1 گاللون (تەخمىنەن 3.8 لېتىر) خىلور گازىنى سۈمۈرگىنىگە باراۋەر بولۇپ، ھاۋا ئالماشتۇرمىغاندا ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يەر ئاستى ئۆيى يەر ئاستى ئۆيىدە راك پەيدا قىلغۇچى رادون گازىدىن باشقا، سىر قاچىلانغان تۇڭلار ئورگانىك بىرىكمە ماددىلارنىڭ پارلىنىشى سەۋەبلىك بۇلغىنىش پەيدا بولىدۇ.
3. يىلىم ئائىلە جاھازىلىرىغا يىلىم ئىشلىتىلگەن بولىدۇ. يىلىم تەركىبىدىكى ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ پارلىنىشى ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. گىرىم بۇيۇملىرى چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى، ئەتىر قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرى تېرە ھەم ئۆپكىنىڭ سۈنئىي خۇش پۇراقنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
5. خۇش پۇراق بېزەك بۇيۇملىرى بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. گىلەم گىلەمدىكى كىر، داغلار زىققا كېسىلى ھەم زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى گىلەملەرنىڭ كۈيىگە قارشى تۇرۇش ماددىسى ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
7. پىرىنتىر پىرىنتىردىكى سىياھ قۇتىسى دائىم ئورگانىك بىرىكمە ماددىلارنى تارقىتىشتىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدىغان ماددىلارنىمۇ تارقىتىدۇ.
8. خۇش پۇراق شام بۇ خىل شام نۇرى رومانتىك مۇھىت يارىتىپ كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، بىراق، بېنزول، كېسلىن، ئالكان ۋە ئولفېن قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى خىمىيەلىك ماددىلارنى تارقىتىدۇ.
9. قۇرۇتۇش ماشىنىسى ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت ئىشلىرى پىروفېسسورى ئاننى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇرۇتۇش ماشىنىسىدىكى خۇشپۇراقلىق كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى بۇلغايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ماشىنا قالدۇق گازى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىشتىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
10. چاپلاشماس قازان بۇ خىل قازاننىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ھاۋانى بۇلغىشى ناھايىتى ئېغىر.
11. پاختىلىشىپ قالغان ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولى بولسىمۇ، بىراق نەم تارتىپ قالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ توپىسى ئاسانلا كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ چىقىرىپ، زىيادە سەرگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
12. سەنئەت بۇيۇملىرى رەسىم رامكىسى، ھەيكەل قاتارلىق بۇيۇملارغا ئاسانلا چاڭ – توزان قونۇپ يىغىلىپ قالغاچقا، زىيادە سەزگۈرلۈكنى قوزغايدۇ.
13. تازىلاش سۇيۇقلۇقى تازىلاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خۇش پۇراق مەھسۇلاتلار، شۇنداقلا ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقى، بەزى چاچ يۇيۇش سوپۇنلىرى ۋە ئەتىر سوپۇنلار ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا، ھورمۇن ئاجرىتىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.