يان تېلېفون توكىنىڭ تېز تۈگەپ كېتىشى باتارېيە، زەرەتلىگۈچ، زەرەتلەش ۋاقتى، يان تېلېفون سۈپىتى، سۆزلىشىش قېتىم سانى ۋە ۋاقتى قاتارلىقلاردىن سىرت، تۆۋەندىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ:
1) پات – پات كەينى سۇپىنى تەكشۈرۈپ نورمال چېكىنمەيلا ئۆچۈرگەن سىستېما – ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تۇرۇڭ.
2) سىمسىز تور، كۆك چىش ۋە GPS قاتارلىقلار ئوچۇق بولسا توك سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىشلىتىپ بولۇپلا ئۆچۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.
3) ئېكران يورۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ، يان تېلېفوندا ئېكران ئەڭ كۆپ توك سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا كۆرەلىگۈدەك ياكى ئاپتوماتىك تەڭشەڭ، يەنە ئېكراننىڭ يېقىلىش ۋاقتىنىمۇ ئىمكان بار قىسقا تەڭشەڭ.
4) ھازىرقى ئەقلىي يان تېلېفونلار كۈتۈش ھالىتىدىمۇ داۋاملىق تور كۆزىتىش ۋە سىناش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا كەچتە زۆرۈر بولمىسا تورنى ياكى يان تېلېفوننى ئۆچۈرۈپ قويۇڭ.
5) يان تېلېفون ئېغىرلاشسا، قاتسا ياكى بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال ۋىرۇس تازىلاڭ، چۈنكى بەزى ۋىرۇسلار بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ئاپتوماتىك قوزغىتىپ ئىزچىل توك سەرپ قىلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ