باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

سانجۇ يېزىلىق 1- باشلانغۇچ مەكتەپ 31- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى

2013.07.31 13:25         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئوقۇتقۇچىلار نوتۇق سۆزلىمەكتە.
  گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىلىق 1- باشلانغۇچ مەكتەپ 31- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇڭگو ئارزۇسى» ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 9- ماي « مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم» دىگەن تېمىدا قوش تىلدا نوتۇق سۆزلەش، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  مۇسابىقىگە بۇ مەكتەپكە قاراشلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ، بىر ئوقۇتۇش نوقتىسىدىن سەككىز نەپەر ماھىر قاتنىشىپ، نوتۇق ۋە ماھارەتلىرىنى تەسىرلىك، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھېي قىياپەت بىلەن ئورۇنداپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھرى- مۇھەببىتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مۇقىملىقنى قوغداشقا بولغان تەۋرەنمەس ئىرادىسنى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى « جۇڭگو ئارزۇسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولغان يۈكسەك قىزغىنلىقىنى يۇقىرى ماھارەتتە نامايان قىلدى. 1200نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇسابىقىنى كۆردى. مۇسابىقە ئاخىردا نەتىجىگە ئىرىشكەن ئۈچ نەپەر ماھىر 500 يۈەن قىممىتىدىكى خاتىرە بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭې يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل