خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئىيۇن، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى باشۇيا (ئالدىدا) مۇسابىقىدە. شۇ كۈنى، كالىنىنگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئىككىلا كوماندا 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىگە كىردى.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق ئۇتۇشتەك نەتىجە بىلەن 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن بېلگىيە كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئەگەردە ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭەلىسە، سەككىز كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن.
گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىكنى مۇقىملىغاندىن كېيىن، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى مارتىنىس مۇنداق بىلدۈردى: بۇ غەلىبە گەرچە بىزنىڭ كوماندىمىزنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈكلەر توپلىشىپ قالغان ئالدىنقى يېرىم رايونغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قوغلىشىش پۇتبولنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقىي قائىدىسى، بولۇپمۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە، ھېسابلاش ئارقىلىق ئۆز رىقابەتچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، كوماندىنى ئاخىرىقى غەلىبىگە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدەك بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە ۋەزىيەتنى ھېسابلاش، ئۆز رەقىبىنى تاللاش ئارقىلىق ئاخىرىقى غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بىزنىڭ كوماندىمىزنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق، يەنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي، شۇ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش __ مانا بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىز ۋە مەيدانىمىز. يېشىل چىملىققا قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ، چوقۇم ئۇتۇشنىلا ئويلاش ۋە تىرىشىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى