باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماسايۇكى خوسوكاۋانىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى 4175 پارچە كىتابنى جۇڭگوغا ئىئانە قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.06.28 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 27-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماسايۇكى خوسوكاۋانىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى جۇڭگوغا ئىئانە قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شۇ كۈنلۈك قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، يوڭچىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى خوسوكاۋا 26-ئىيۇن جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا ئۆزى يىغىپ ساقلىغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى 4175 پارچە كىتابنى ئىئانە قىلىپتۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: خوسوكاۋا ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە، جۇڭگو تەرەپ ئۇنىڭ بۇ قېتىم خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى ئىئانە قىلغان ھەرىكىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. بۇ قېتىم خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىممەتلىك كىتابلارنى ئىئانە قىلىش جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بەلبېغىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ يېڭى قىزىق پارىڭىنى پۈتۈپ چىقتى. بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىغا 40 يىل بولدى. بۇ قېتىم خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا ئىئانە قىلىش جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيىتى. بىز ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر