مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

2023.03.31 00:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

  دوكلات كىرىش سۆز، پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىدارسىزلىشىشى، ئامېرىكىچە سايلام دېموكراتىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە قۇرۇقدىلىپ قېلىشى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشى، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك چېكىنىشى، باشقا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىق يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2022-يىلى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بەلگە خاراكتېرلىك چېكىنگەن بىر يىل بولدى. ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەۋالغان ئامېرىكا ئۆزىدىكى پۇل سىياسىيسى، ئىرقىي كەمسىتىش، قورال-ياراغ يامراپ كېتىش، ساقچى زوراۋانلىقى، باي-نامراتلىق ئايرىمىسىنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىق ساقايماس ئىللەتلەرنى تۈگىتەلمىدى، كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە قانۇن چىقىرىش ئەدىلىيەسى تارىخىي چېكىندى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى يەنىمۇ قۇرۇقدالدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ئەسەبىي زوراۋانلىق بىلەن تەبىر بېرىلگەن دۆلەت، ئامما زوراۋانلىق جىنايىتى ۋە زورلۇق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قوش تەھدىتىگە ئۇچرىدى، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. تۈرمە ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ھازىرقى زامان قۇللۇق سورۇنىغا ئايلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىچە دېموكراتىيە خەلق رايى ئاساسىنى يوقاتقان. ئامېرىكىنىڭ سايلام خىراجىتى قايتا-قايتا ئۆرلەپ، «قارا پۇل» ئىئانە قىلىش ئارقىلىق سايلام يۆنىلىشىنى ئاستىرتتىن كونترول قىلدى، سىياسىي قۇتۇپلىشىش ۋە ئىجتىمائىي پارچىلىنىش دېموكراتىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ تەس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كىشىلەر ئامېرىكىچە دېموكراتىيەدىن ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلەندى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر كەڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىدى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمۈر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيدى؛ بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئامېرىكا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ئىقتىسادىي تەقسىمات ئەندىزىسى، ئىرقىي توقۇنۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئەندىزىسى ۋە كاپىتال مەنپەئەت گۇرۇھى كونترول قىلغان سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈزۈم رولىنى يوقىتىش، ئىدارە قىلىش كەمچىل بولۇش، مىللەت توپى پارچىلىنىش، جەمئىيەت داۋالغۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.

  دوكلاتتا، دوكارلار مەنپەئەتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشتەك سۇبيېكت ئارزۇسى ۋە ئوبيېكت ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قۇرۇلمىلىق كېسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى قورال قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە خالىغانچە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە قارشىلىشىش، بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى تەرەققىياتىنى مالىمان قىلغۇچى ۋە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولۇپ قالدى، دەپ قارالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ