لى چياڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.03.30 11:06 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. مۇنبەرگە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەرباپلىرى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى، ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك قىيىن مەزگىلدە تۇرىۋاتىدۇ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ كۆپرەك ئويلىنىپ، كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە موھتاج. خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ئالدى بىلەن يەنىلا ئىشەنچنى چىڭىتىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ يىراققا نەزەر سېلىش كېرەك. بۇ خۇددى يامغۇرلۇق كۈندە يول ماڭغانغا ئوخشايدۇ، ئەگەر باشنى ئېگىپ پۇتقا قاراپ ماڭغاندا ھەممە يەر پاتقاق كۆرۈنىدۇ؛ ئەگەر باشنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈنىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن ئون يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى باشتىن-ئاخىر تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچىسى» لىق، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى» لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بارغانسېرى كۆپ ئېنىقلىق قوشتى. كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادى بەلگىلىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە سۈپەت ئىسلاھاتى، ئۈنۈم ئىسلاھاتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  لى چياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى يەر شارى ئىش تەقسىماتى سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىدۇ. بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن جىپسىلىشىپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى ئىچكى تەمىنات ۋە پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇقىم كېڭەيتىپ، بازارلىشىش، قانۇنچىللىشىش، خەلقئارالىشىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، مۇلازىمىتى بارغانسېرى ئەلالىشىدۇ. جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش، جۇڭگودا يىلتىز تارتىش تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى تاللىغانلىق. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتىشىپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئېچىشنى خالايدۇ.

  ئەنليەن (Allianz) سۇغۇرتا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بېت، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوك، رىئو تىنتو گۇرۇھىنىڭ (Rio Tinto Group) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شى داۋچېڭ (Jakob Stausholm)، خىتاچى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى دوڭيۈەن مىنجاۋ، بوستون مەسلىھەتچىلىكى گۇرۇھى خەلقئارالىق پەخرىي رەئىسى بوكنار قاتارلىق چەت ئەللىك ۋەكىللەر سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاپ ئۈچ يىلدىن كېيىن جۇڭگوغا قايتا كېلىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇق. يۇقۇمنى يېڭىش، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتىشىپ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، جۇڭگونىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ