خەن جېڭ چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.03.30 11:08 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىدىكى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتى توغرىسىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش نىشانى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. خەن جېڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي لوگىكىسى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەرھلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بېكىتىلگەن ئەندىزە ۋە ئۆلچەم يوقلىقىنى، چوقۇم ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگونىڭ ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى سىجىل قويۇۋېتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كومىتېتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەزالارنىڭ جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز. مائارىپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مائارىپقا مەبلەغ سېلىش كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش خىرىسىنى يېڭىپ، مائارىپ مالىيە سېلىنمىسىنى ئازايتماسلىق، قوللاش سالمىقىنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇردى. ئەزالارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق چوڭقۇر قاتلامدىن قاتنىشىپ، جۇڭگو-چەت ئەل مائارىپى، پەن-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا پائال كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوك قاتارلىقلار جۇڭگو بىلەن بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پۇرسىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ۋە يېشىل ئىقتىساد، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىقلاردىكى سېلىنمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ