«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.03.29 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىقنى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، دانلىق زىرائەت ئومۇمىي ھوسۇلى دۇنيادا مۇقىم ھالدا 1 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۇلىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 240 بۆلەك باياندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، نۇتقى، سۆھبىتى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 80 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ