لى شى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2023.03.29 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى شى 27- چېسلا مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، بۇ يىللىق كۆزىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى كۆزىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە « مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانى (2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە) » دىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  لى شى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆزىتىش، نازارەت قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ ،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ ،«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى » نى نازارەت قىلىپ كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. خەلقچىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «كېيىنكى يېرىم پارچە ماقالە»گە ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىش ـ تۈزىتىش ۋە نەتىجىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نازارەتچىلىك ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش- ئايلىنىپ تەكشۈرۈشتە يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر مۇستەھكەم كۆزىتىش پولات قوشۇنىنى يىتۈشتۈرۈش كېرەك.

  لى شى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تېپىپ چىقىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا « قايتا قاراپ چىقىش » نى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆزىتىش، تۈزىتىش تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ كۆزىتىش، تۈزىتىش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە نىسبىتەن جانلىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بولۇپمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ ، ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گەنجيې 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىغا ھوقۇق بېرىش- ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى توغرىسىدىكى قارارنى جاكارلىدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ