ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2023.03.30 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى رەئىسلەر يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق مۇھىم خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى نۇقتىلىق ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى ۋە ئالاقىدار تۈزۈم-بەلگىلىمىلەر بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش جەريانىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىپ، كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىدىغان، ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەزالارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكىسسىيەسى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلار، ساھەلەر، ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى چارىسى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش-لېكسىيەدە 2023-يىللىق پايدىلىنىش تېمىسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2023-يىللىق ئۆگىنىش پىلانى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق قوش ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىنى ۋە يىراق مۇساپىلىك سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق سىرتقى ئالاقە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىلىرىنى نازارەت قىلىش ئۇسۇلى تەتقىق قىلىنىپ ماقۇللاندى، 72 نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسى بېكىتىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شى تەيفېڭ، خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ