جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

دىڭ شۆشياڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2023.03.29 01:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۆتكەن بىر يىل جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بۇ يىل پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئېشىشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قوش ئايلىنىشتۇر. بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز. بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خەلق تەمىناتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى يۈكسەكلىكىنى تېز بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. رايونلارنى ئېچىۋېتىش بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ مەۋقەنى سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈككە قويۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۆزئارا ماس ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىق داۋامىدا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇ بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى كەسكىن تەڭشەشنىڭ ئېغىر سەلبىي تاشقى تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇقىم ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق، ئادىل، باراۋەر، كەمسىتمەيدىغان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، يېشىل ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچى، ئورتاق تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق، باراۋەر، تەكشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان دۇنيا تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى يىغىنىنى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش __ پۇرسەت ۋە ھەمكارلىق» باش تېما قىلىندى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانىچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ