خەن جېڭ ھوندۇراس دېپلوماتىيە مىنىستىرى رېنا بىلەن كۆرۈشتى

2023.03.30 11:04 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ھوندۇراس دېپلوماتىيە مىنىستىرى رېنا بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ كاستىروغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھوندۇراس مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، زۇڭتۇڭ كاستىرونىڭ جۇڭگوغا بالدۇرراق زىيارەتكە كېلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى دەۋر ۋەزىيىتىگە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ھوندۇراسنىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكلەردە بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  رېنا زۇڭتۇڭ كاستىرونىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ كاستىرو تەكلىپ بويىچە تېزدىن جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇشنى خالايدۇ. ھوندۇراس بىلەن جۇڭگو دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا مۇھىم تارىخىي بىر قەدەم تاشلىدى. ھوندۇراس بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ