شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.03.30 10:19 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھەممەدكە پادىشاھ سالمانغا بولغان ياخشى تىلىكىنى ھەم روزا ئېيىلىق يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز رىيادتا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتۇق. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «ئۈچ ھالقا باشلىقلار يىغىنى» نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران بېيجىڭ سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ھەم مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە مۇھىم، زور ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىگە ئىگە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. يېقىندىن بۇيان رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكى زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ۋە پەسەيتىشنىڭ خەلق رايىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، دەۋر ئېقىمى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى - ئىران ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانىلىق روھىغا ئەمەل قىلىپ، بېيجىڭ سۆھبىتىدىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى - ئىران سۆھبىتىنىڭ كېيىنكى مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد پادىشاھ سالماننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، يەنە بىر قېتىم شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىراننىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم ئىجابىي رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇرماقتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ