جاۋ لېجى ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.03.30 00:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن سىنلىق شەكىلدە سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقىنى قوغداش دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا، دۇنيادىكى سوتسىيالىستىك كۈچلەرنى زورايتىشقا پايدىلىق. بۇلتۇر 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يول باشلىدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە ئالىي رەھبەرلىرى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش بويىچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلاملارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا قول تۇتۇشۇپ ياخشى مېڭىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، غەربنىڭ دېموكراتىيەسىگە ئوخشىمايدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قۇرۇلۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بەرپا قىلغان يېڭىچە سىياسىي مەدەنىيلىك فورماتسىيەسى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر. ئىككى تەرەپ ياخشى ئالاقە ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېت، دوستلۇق گۇرۇپپىسى، ۋەكىللەر ۋە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك يىغىن تەشكىلاتلىرىدا زىچ ماسلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇمىيۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ تىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلەت ۋە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولدى، ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا باسىدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاشقى سىياسەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك تاللىشى قىلىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ