مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشتىكى تۇنجى تالون!

2023.03.30 11:19 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى بىلەن داۋدار ئېنېرگىيە شىركىتى تۇنجى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى تاماملىدى.

  28-چېسلا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىنىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ( LNG ) ئىمپورت سودىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئېلىمىزنىڭ نېفىت-گاز سودا ساھەسىدە چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش سودىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ماھىيەتلىك قەدەم بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەككە سودا جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى بىلەن داۋدار ئېنېرگىيە شىركىتى شاڭخەي نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزىدە پۈتكەن بولۇپ، LNG بايلىقى پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن، خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىنغان ئىمپورت LNG نىڭ پۈتۈشۈش مىقدارى تەخمىنەن 65 مىڭ توننا.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلى ئېلىمىز ئىمپورت قىلغان نېفىت 500 مىليون توننىدىن، ئىمپورت قىلغان تەبىئىي گاز 100 مىليون توننىدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە LNG ئىمپورت مىقدارى 63 مىليون 440 مىڭ توننا بولغان. خەلقئارا بازارنىڭ خەلق پۇلىنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز سودىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى سىناق قىلىش شارائىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلۋاتىدۇ.

  جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ جىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم خەلقارا LNG سېتىۋېلىشتا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت باش شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ يەر شارىلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، LNG سودىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشتىكى پايدىلىق. جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى خەلقئارا LNG سودا ئەندىزىسىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازارنىڭ ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇشىغا ياردەم كۈچى ئاتا قىلىدۇ.

  شاڭخەي شەھەرلىك تەرەققىيات -ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن گوجۇڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ خەلقئارا LNG سودىسىدا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى قانات يايدۇردى، بۇ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازارلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى خىل بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. شاڭخەي نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى گو شۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز يەر شارى LNG بازىرىدىكى مۇھىم سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا ئۇل ئەسلىھە كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، خەلقئارا سودىغا قاتنىشىش سۇبيېكتى كۈنسايىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، شاڭخەي نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى سۇپىسنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش كەسپىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان نېفىت، تەبىئىي گاز سودا ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تولۇق ئوبوروت قىلىنىشىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ