مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-ئاستانە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلدى

2023.03.30 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 23 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، CZ6013 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇ- ئۈرۈمچى-ئاستانە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

  بۇ لىنىيەدە ھەر دۈشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئىككى قېتىم ئۇچۇش پىلان قىلىندى. بېرىش مۇساپىسىدە ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 17 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 23 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 2 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى بۇ لىنىيەدىكى چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان پورت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ئۇلاپ توشۇش لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى ئاۋىياتسىيە شىركىتى، گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش ئىشلىرىنى ئۇلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم بىرىنچى سەپتىكى تاموژنا خادىملىرىنى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش خىزمەت تەرتىپىنى پىششىق بىلىش، كەسپىي مانېۋىرنى قانات يايدۇرۇش، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تەشكىللەپ، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېيجيې مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بىز ئەسلىھە-ئۈسكۈنە ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت يولۇچىلىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىلدى، «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش ـ كېلىش يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇلدى، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىكى يولۇچىلارنى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشقا جەلپ قىلىشقا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ