مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8-تۈركۈمدىكى مەركەزلىك دورا سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى %56 چۈشۈرۈلدى

2023.03.30 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  تۇنجى قېتىم گېپارىن تۈرىدىكى دورىلار كىرگۈزۈلدى، 8-تۈركۈمدىكى مەركەزلىك دورا سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى %56 چۈشۈرۈلدى

  8-تۈركۈمدىكى دۆلەت تەشكىللىگەن مەركەزلىك دورا سېتىۋېلىش نەتىجىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەننىڭ لىڭشۈيدە ئېلان قىلىندى، بۇ قېتىمقى يىغىپ سېتىۋېلىش تۈرى39خىلغا يەتكەن بولۇپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى روھىي كېسەللىكى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار سېتىۋېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھېپارىن تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ مەركەزلىك دورا سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ قېتىم تاللانغان 252 مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56 چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پىلاندىكى سېتىۋېلىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى 16 مىليارد 700 مىليون يۈەن خىراجەت تېجەپ قېلىنىدۇ. تاللانغان مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي تاللاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، سەككىز تۈركۈم دۆلەت مەركەزلىك دورا سېتىۋېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. جەمئىي 333 خىل دورا كىرگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ