مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

6 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى

2023.03.30 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 28-چېسلا 2023-يىللىق «ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ يىبىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تور بوشلۇقىنىڭ ھاۋاسى ساپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇش تور ئەھلىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا تورنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى. 2023- يىلى«ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى «سودا تور مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش»، «تۇرمۇش مۇلازىمىتى تۈرىدىكى سۇپا ئۇچۇر مەزمۇنى قالايمىقان بولۇش ئەھۋاللىرىنى تۈزەش» قاتارلىق توققۇز چوڭ نۇقتىلىق مەسىلىگە مەركەزلىشىدۇ.

  نيۇ يىبىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تور ئېكولوگىيىسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزەپ، تور بېكىتى سۇپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇردى. 2022- يىلى دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 13 تۈرلۈك «ساپلاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار 54 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇرنى ئېنىقلىدى، 6 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى بىر تەرەپ قىلدى، 2890 دىن ئارتۇق ئەپ ۋە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 260 مىڭ گۇرۇپپا ۋە چاپلىمىنى تارقىتىۋەتتى ياكى تاقىدى، 7300 دىن ئارتۇق تور بېكىتىنى تاقاپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

  بۇ يىللىق «ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىدە، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ياخشى تور ئېكولوگىيىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمەت نىشانى قىلىنىپ، دىققەتنى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ۋە تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتا، بوغما ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز جەھەتتىكى مەسىلە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىنىدۇ، بۇ مەسىلىلەر كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:«ئۆز تاراتقۇلىرى»دىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش؛ تور گۇپپاڭچىلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنىنى كونترول قىلىشىغا زەربە بېرىش؛ نۇقتىلىق ئېقىم مىقدارى ھالقىلىرىدىكى توردا تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ سودا تور مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ تۇرمۇش مۇلازىمىتى تۈرىدىكى سۇپا ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى تۈزەش؛ قىسقا سىن ئۇچۇر مەزمۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىش ناچار بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەش؛ يازلىق تەتىلدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور مۇھىتىنى تۈزەش؛ تور ۋاباسىنى تۈزەش؛ چاغانلىق تور مۇھىتىنى تۈزەش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ