جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ 22 - چېسلا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ مەكتەپنىڭ بەلگىلىمە بويىچە خې فامىلىلىكنىڭ 2023 - يىللىق ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىدىغانلىقى، بىكار قىلىش رەسمىيىتى كېيىن تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىدىغانلىقى دېيىلدى.
خې فامىلىك نەنخۇا داشۆسىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، يېقىندا كۆپ قېتىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىز ساۋاقدىشىنىڭ سۈرىتىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ توردا ۋەقەلىك ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شەھۋانىي سۈرەت ۋە خەتنى ساتقانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. 21 - چېسلا، نەنخۇا داشۆسى خې فامىلىلىككە ئوقۇشتىن ھەيدەش جازاسى بېرىشنى ئۇقتۇرغان.
بەزى تورداشلار خې فامىلىلىكنىڭ جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان. جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقائىمتىھانسىز كۆرسىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە «جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ 2023 - يىلى ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ