مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېلوغا چېتىشلىق سومما 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى! گۇاڭشىدىكى 16 كىشى «پۇل يۇيۇش»قا چېتىلىپ سوتلاندى

2023.03.30 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، گۇاڭشى باما ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لى Xمىڭ، لى Xروڭ، ياڭ Xكەي قاتارلىق 13 كىشىنىڭ جىنايەت تاپاۋىتى ۋە جىنايەت تاپاۋەت پايدىسىنى نىقابلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى ۋە جاۋابكار ياۋ Xكې، ياۋ X زوڭ، ياۋ Xدې قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ جىنايەت تاپاۋىتى ۋە جىنايەت تاپاۋەت پايدىسىنى نىقابلاش، يوشۇرۇش جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار لى Xروڭ، لى Xمىڭ، ياڭ Xكەي قاتارلىق 16 كىشىدىن تەركىپ تاپقان پۇل تاپشۇرۇۋېلىش، ھېساباتتىن يۆتكەش شايكىسى ھېساباتقا قوبۇل قىلىنغان پۇلنىڭ تېلېگراف تورىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت تاپاۋىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز نامىدىكى بانكا كارتىسى، پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى ۋە تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تەمىنلەپ، «ئېقىپ يۈرۈش شەكلى»دە يۆتكىلىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلىپ ئۇسۇلىدا توردا يالغاندىن مال سېتىۋېلىپ پايدا قايتۇرغۇزۇش، ئىقتىساد توپلاشقا مەبلەغ سېلىش، نەق مەيداندا ماسلىشىپ يۈز تۇنۇتۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۈلىن شەھىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا «پۇل يۇيۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تور جىنايەتچىلىرى ئۈچۈن پۇل يۇيۇپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋ Xكې، ياۋ Xزوڭ، ياۋ Xدې قاتارلىق ئۈچ كىشى پۇل يۇيۇشقا ئىشلەتكەن بانكا كارتىسىدىن ئۆتكەن ئومۇمىي سومما ( قەرز ) جەمئىي 25261819.2 يۈەنگە يەتكەن. يۇقىرىقى قىلمىشلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ دېلونى بىر سوتچى ۋە ئىككى نەپەر خەلق زاسېداتېلى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوتلىدى. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى جىنايەت بېكىتىش ۋە جازا ئۆلچەشنى چۆرىدەپ ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار لى Xمىڭ، لى Xروڭ، ياڭ Xكەي قاتارلىقلار سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇنازىرە پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى، پۈتكۈل سوتتا قاراپ چىقىش جەريانى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. بۇ دېلونىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، دېلوغا چېتىشلىق ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ