مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتايلى

شياڭ دەن

2023.03.30 10:15 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «ئالەم بوشلۇقىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ____ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» ئېكىسكۇرسىيە قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. بۆلۈمچىگە كىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدىغان تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ 1:1 مودېلى، جۇڭگو مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «فېيتيەن» بۆلۈمچىسى سىرتىدا كىيىدىغان ئىككى يۈرۈش ئالەم قاتنىشى كىيىمى، تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە ئاي يۈزىگە قونغۇچ قاتارلىق كەلگۈسىدە ئادەملىك ئايغا چىقىشتىكى ئاساسلىق ئۇچۇش مەھسۇلاتلىرى مودېلى... كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايەن قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىلىم – پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قانىتى. مۇشۇ يىللاردا، «جياۋلۇڭ»نىڭ دېڭىزغا چۆكۈشىدىن «چاڭئې»نىڭ ئايغا چىقىشىغىچە؛ «موزى»نىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىدىن «بېيدوۋ»نىڭ تور تەشكىللىشىگىچە؛ «تيەنۋېن»نىڭ مارسقا چىقىشىدىن «شىخې»نىڭ قۇياشنى تەكشۈرۈشىگىچە... بىر تۈركۈم مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى. تېخىمۇ كۆپ ئاددىي كىشىلەرگە بۇ ئىلغار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئامما بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، مىللىي روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىتىپ، يېڭى مۇساپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرلەپ، يېڭى دەۋر بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تارقىتىپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم - پەننى ئۇلۇغلايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا سىنى ئىشلەشتىن، بۇلۇت پەن – تېخنىكا سارىيى بەرپا قىلىپ، ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيە، مەۋھۇم رېئاللىق قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ كۆرگەزمىنىڭ زوقلىنىشچانلىقى ۋە ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرغاندا، جەزمەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم - پەننى قەدىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلم - پەن ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېتەرلىك ئاساس توپلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ