شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى

2023.03.27 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئايدىكى بېيجىڭ، باھارنىڭ مەيىن شامىلى يەلپۈنۈپ، بارلىق شەيئى ئويغاندى.

  3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق يەرشارىدىكى 150 نەچچە دۆلەتتىكى 500دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور قارالمىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى.

  ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە».

  ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ماركسىزملىق ئىدىيەۋى نەزەرىيە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنياۋى نەزەرى، دۇنياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئورتاق يېتىلدۈردى.

  مەۋقەنى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش داغدام يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

  (1) جاھاننى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش −

  «تارىخنىڭ ئۇزاق كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مەنسۇپ بولغان ئۇلۇغ ئىش»

  2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. ئايرىلىپ تۇرغان تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، بەش چوڭ قىتئەدىكى 18 يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى «بۇلۇت»تا جەم بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

  «ھۆرمەتلىك شى جۇشى، سىزنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، سىزنىڭ بۇ جاپالىق، مۈشكۈل پەيتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىغانلىقىڭىزغا رەھمەت» دېدى مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئەسىر يۇقۇمى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، دۇنيا نەزەرىنى بارغانسېرى جۇڭگوغا ئاغدۇردى.

  «20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، مەن جۇڭگونىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدىكى بىر كىچىك كەنتتە دېھقان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ دېھقانچىلىق ئەمگىكىنىڭ جاپاسىنى ۋە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.» يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ، تەرەققىياتنىڭ خەلققە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى: «يېرىم ئەسىردىن كېيىن، مەن ئىلگىرى تۇرغان جاينى قايتا زىيارەت قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغانلىقىنى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەككە باش قاتۇرمايدىغانلىقىنى، چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم».

  شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكى شى جىنپىڭنىڭ يىلتىزى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «بۇ يەر مېنىڭ ئۆزگەرمەس ئېتىقادىمنى يېتىلدۈرگەن: خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك! مەيلى قەيەرگىلا باراي، مەن مەڭگۈ سېرىق تۇپراقنىڭ ئوغلى».

  يەنە دەل مۇشۇ جايدا، ياشلىق مەزگىلىدىكى شى جىنپىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» «كاپىتال» قاتارلىق ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئەڭ دەسلەپكى تونۇشنى تەدرىجىي تۇرغۇزدى. ئۇ كېيىن مۇنداق خۇلاسىلىدى: «ماركسىزمنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش دېگەن بىر جۈملە سۆزدىن ئىبارەت».

  «ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا، گۈللىنىش ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، خەۋپسىزلىك ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئاندىن ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.» خەلقنىڭ قەلبىنى مەركەز قىلدى، دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى مەنپەئەت دەپ بىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىش قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، پۈتۈن دۇنياغا رىشتە باغلاشتىكى چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە خىسلىتى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

  ئىلگىرى يەرلىكتە رەھبىرىي كادىر بولغان شى جىنپىڭ بىر قېتىم «ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئائىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»قا بولغان چۈشەنچىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «<دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش> ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىش ئەمەس، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەش، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. دۇنيادىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ئۈلگە قىلىپ تىنچ بولسا، تەرەققىي قىلسا، سىزنىڭ ئىدىيەيىڭىز بىلەن بارلىق قوشنا دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈپ، ئېجىل - ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرسا، <دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش>نى پات ئارىدا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

  يېزىغا چۈشۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە قاتناشقان چاغدىكى «يۇرتداشلارغا تويغۇدەك بىر ۋاق گۆش يېگۈزۈش» ئارزۇسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىمالىي ياۋروپانى زىيارەت قىلغان چاغدىكى «جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش» ئارزۇسىغىچە؛ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغدا تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زەمبۇرۇغ ئوتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتىن دۆلەت رەھبىرى بولغاندىن كېيىن «غەربىي ئافرىقا تۇمشۇقى» سېنېگالدىكى يېزا - كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشكىچە... يىللار ئۆتتى، سەمىمىي قەلب ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

  «جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان دۆلەت، بىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جۇڭگو بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ھەم تىرىشىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.» 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئېنىق بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقئارا جەمئىيەت كۈنسېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلانماقتا».

  كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، رۇسىيە موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگىمۇ بەخت يارىتىدۇ».

  «بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېقىمى نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش.» ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پۈتۈن دۇنيا قارىشى، ماركسىزملىق دۇنيا تارىخى نەزەرىيەسىنى يېڭىچە دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگونى يېتەكلەپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

  دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا، بىز ئىرادىمىزدىن قايتمىدۇق −

  2014 - يىلى باھاردا، رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى. بارغان ھەربىر جايدا ئۇ «تىنچلىق، تەرەققىيات» ئۈستىدە جەزمەن توختالدى. فىرانسىيەنىڭ پارىژدا، ناپالېئوننىڭ «جۇڭگو − ئۇيقۇدا ياتقان شىر بايانى» ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ شىر ئويغاندى، لېكىن بۇ تىنچلىقنى ياقلايدىغان، سۆيۈملۈك، مەدەنىي شىر.» گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا، «دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدۇ» دېگەن ۋاقتى ئۆتكەن لوگىكىغا مۇنداق رەددىيە بەردى: «بۈگۈنكى دۇنيادا، مۇستەملىكىچىلىك، زومىگەرلىكتىن ئىبارەت كونا يولدا يەنە مېڭىشقا بولامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنكار قىلىشتۇر. مېڭىشقا بولمايلا قالماستىن، بەلكى چوقۇم باش - كۆزى سوقۇلۇپ قانغا بويىلىدۇ.» بېلگىيەنىڭ بىرۇگېستا، جۇڭگونىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات يولىنى تاللىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي لوگىكىنى مۇنداق بايان قىلدى: «تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش، قۇل قىلىنىش تارىخى جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇلار بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، شۇڭا باشتىن - ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، باشقىلارنىڭمۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىقتا چىڭ تۇردى».

  خەلقئارا ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، رەئىس شى جىنپىڭ تىنچلىق نەتىجىلىرىنى قوغداش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى: موسكۋادا، ئىلگىرى جۇڭگودا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان رۇسىيەلىك پېشقەدەم جەڭچىلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ ياشانغان پېشقەدەم جەڭچىلەرگە خاتىرە مېدالى ئېسىپ قويدى؛ بېيجىڭدا، «غەلىبە كۈنى دىپلوماتىيەسى»نى قانات يايدۇرۇپ، تيەنئەنمېن راۋىقىدا دۇنياغا ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ دېگەن بۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ئورتاق ئەستە ساقلاشنى مۇراجىئەت قىلدى؛ نيۇيوركتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا «تىنچلىق لوڭقىسى» سوۋغا قىلىپ، جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىشنى، دائىمىي تولۇق تەشكىلىي تۈزۈلۈشتىكى تىنچلىق ساقلاش ساقچى ئەترىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ قۇرۇشنى ھەم 8000 كىشىلىك كۆلەمدىكى تىنچلىق ساقلاش بويىچە بۇيرۇق كۈتۈش قوشۇنى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، «تۆت كېرەك» «تۆت ئورتاق» «ئۈچ نۇقتىلىق ئويلىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈردى...

  ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، بىز ئىجتىھات بىلەن ئىزدەندۇق −

  2021 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى شاڭخەيدە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كەسپىنى ئۆگەنگەن توققۇز لائوسلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى: «دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تۆمۈريول جۇڭگودىن لائوسقا تۇتاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ھەم ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىگە تۇتاشتۇرۇلدى...»

  ئۇلارنىڭ جۇڭگودا ئۆگەنگەن ماھارىتىنى جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تەرەققىياتىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  2013 - يىلىدىكى ئالتۇن كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تارىختىن رېئاللىققا كىرىپ، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭ سىزما»دىن تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «نەپىس سىزما» بولۇپ پۈتۈپ چىقىشقىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، مەدەنىيلىك خاتىرىسى يۈكلەنگەن، كەلگۈسى ئارزۇنى زىممىسىگە ئالغان بۇ ئۈمىد يولىدا ئارقا - ئارقىدىن تەرەققىيات مۆجىزىلىرى پۈتۈپ چىقىلدى: كېنىيە تۇنجى زامانىۋى تۆمۈريولغا ئىگە بولدى، مالدىۋې تۇنجى دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈككە ئىگە بولدى، بېلارۇسىيە ئۆزىنىڭ پىكاپ ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئىگە بولدى، گىرېتسىيەنىڭ پىرائېئۇس پورتىنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا ئۇرغۇدى، سېربىيە سمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى...

  «دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا، يەرشارىۋى ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم مەسئۇلىيىتى بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتىپ بەردى.

  (2) پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش −

  «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكىلەر ھەمراھلار، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالغانلارمۇ ھەمراھلار»

  2022 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولدى.

  كۆپ تەرەپلىك يىغىن ئارىلىقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 20 نەچچە چەت ئەل رەھبىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئۇچراشتى، سۆھبەتلەشتى، كۆرۈشتى، دائىم ئالدىنقى مەيدان كۆرۈشۈش داۋاملىشىۋاتقاندا، كېيىنكى مەيدان كۆرۈشۈشكە قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى يېتىپ كېلىپ ساقلاپ تۇردى.

  ھەم يېڭى دوستلار بىلەن كۆرۈشتى، ھەم كونا دوستلار بىلەن ئۇچراشتى؛ ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بار، ھەم غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بار؛ ھەم جۇڭگو بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان قوشنا دۆلەتلەر بار، ھەم يەرشارىدىكى جۇڭگو بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق دۆلەتلەر بار...

  ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇشقا يېتەكلىدى.

  يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان مۇھىم، زور ئىدىيە، ئۇ، «ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان» ئورمان قائىدىسىنى ئىنكار قىلىش، «دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدۇ» دېگەن ۋاقتى ئۆتكەن لوگىكىنى چۆرۈپ تاشلاش، «بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان» نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇردىن ھالقىپ ئۆتۈشتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىدىكى «دۇنيا»دا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەتنى تەسۋىرلەپ، دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ قانداق بىللە ئۆتۈشىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن 40 نەچچە قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا ئىشلار توغرىسىدا زىچ پىكىر ئالماشتۇردى... ئۆتكەن 10 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەكشى تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلدى.

  يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زىيارەت قىلىپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ياخشى قوشنىلار ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز» دەپ تەكىتلىدى... رەئىس شى جىنپىڭ ئەتراپتىكى رايونلارنى جۇڭگونىڭ خاتىرجەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.

  ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرققىچە، لاتىن ئامېرىكىسىدىن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگىچە، كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆپچىلىك بىلەن باراۋەر ئالاقىلىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېسىل داستانلار تارقالماقتا. «كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى» «جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر بېلىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ»... توغرا بولغان ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە راستچىل، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتتى.

  «تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە» «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولالايدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ»... مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم، زور سورۇنلاردا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە رېئال لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

  بۇنداق كۆرۈنۈش كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ −

  2015 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇردى».

  ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 90 ياشتىن ئاشقان ئەينى چاغدىكى نۆۋەتچى رەئىسى، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلەر ئافرىقىغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدى، ھازىر جۇڭگو ئافرىقىغا يېڭى ھاياتلىق ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئەينى يىللاردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇلىقى بار بولسا، ئۇلارمۇ شى جۇشىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ باقسۇن!»

  بۇنداق ھېكايىلەر گۈزەل داستان بولۇپ تارقالدى −

  1985 - يىلى، خېبېي جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ بىر يېزا ئىگىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى. ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ ماسكاتىن كىچىك بازىرىدا، ئۇ بىرنەچچە ئاددىي ئامېرىكا ئاممىسى بىلەن تونۇشتى.

  2012 - يىلى، شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ماسكاتىننى قايتا زىيارەت قىلىشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئامما بىلەن يەنە كۆرۈشتى. «كىشىلەر مەندىن بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا نېمىشقا ئىئوۋا ئىشتاتىغا كېلىسىز دەپ سورىدى. چۈنكى مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىلەر دەل ئامېرىكا.» بۇ سۆزلەر قەدىناس دوستلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

  ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەدىناس دوستلارغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ھەققانىيلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى. 2015 - يىلى، دۆلەت ئىشلىرى ئالدىراش بولسىمۇ، رەئىس شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن يەنىلا مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئەينى يىلىدىكى ماسكاتىندىكى ئۆي ئىگىسى دۋورچاك ئەر - خوتۇن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى؛ 2022 - يىلى، ئۇ يەنە ئەينى يىلىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان راندى خانىمغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنى ۋە قەدىناس دوستلارنى دوستلۇق ئۇرۇقىنى داۋاملىق چېچىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  چىن قەلب بىلەن دوستلاشقانلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ھەرقايسى دۆلەت ئاممىسى ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى، ئۈمىدلىرىنى ئىگىلىدى.

  لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كوستارىكادا 2013 - يىلى 6 - ئايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىر ئاددىي قەھۋەزارلىققا كېلىپ، دېھقان سامولا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

  «مەنمۇ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن، يەتتە يىل دېھقان بولغان، شۇنداق ئېيتالايمەنكى، مېنىڭ ئاددىي ئاممىغا ناھايىتى تەبىئىي ھېسسىياتىم بار.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى نەق مەيداندىكى كىشىلەرگە ناھايىتى يېقىملىق تۇيۇلۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى...

  «ئۆزئارا بىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش. بىلىش قانچە كۆپ بولغانسېرى، چۈشىنىش شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئاساسى شۇنچە مۇستەھكەم، شۇنچە كەڭرى بولىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا مۇشۇنداق قارىدى.

  نەزەربايېۋ داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، قازاقىستاندىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى رۇسلاننىڭ «مۈشۈكئېيىق تىپلىق قان» تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى بايان قىلدى؛ ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولغاندا، فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان سابىق ئىشتات باشلىقى باكوننىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى مەخسۇس يوقلىدى؛ ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى «يېڭى دەۋردىكى ماركوپولو بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى...

  «جاي - جايلارغا بېرىش ھەقىقەتەن جاپالىق، بىراق نەتىجىسى شۇكى، <دوستلار چەمبىرىكى> بارغانسېرى زورىيىدۇ.» ئۆتكەن 10 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 نەچچە قېتىم زىيارەتكە چىقتى، ئاياغ ئىزى بەش چوڭ قىتئەدىكى 70 نەچچە دۆلەتكە تارقالدى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا بىر قاتار مۇھىم، زور كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن خەلقئارادىكى سىياسىي ئەربابلاردىن نەچچە يۈزنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئۇچرىشىشنى ساقلىدى، «بىزنىڭ دوستلىرىمىز پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى».

  (3) ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش −

  «مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان رىشتىگە ئايلاندۇرايلى»

  فىجى − جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ تۆت كوچا ئېغىزى. 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، فىجىنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما بىر مەيدان ئەنئەنىۋى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچىسىغا «بۇلا كۆڭلىكى»نى كىيىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بەخت تىلەش قوشاقلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، يەرلىك ئاھالىلەر تەقدىم قىلغان كاۋا شەربىتىنى قولىغا ئېلىپ كۆڭۈل قويۇپ تېتىدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، زوقلىنىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىككە نەزەر سالىدىغان مول، كەڭرى نەزەر دائىرىسىگە سىڭگەن.

  2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، «يىپەك يولىدىكى تىرىك تاشقاتما» دەپ نام ئالغان بۇخارا قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى. سەپەر ھاردۇقىغا قارىماي، رەئىس شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلىپ، ئارك قەلئەسىگە كىرىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  ئۆزبېكىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى كەرىموف چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر تارىخ تۇيغۇسىغا ئىگە چوڭ دۆلەت رەھبىرى، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان تارىخى ۋە مەدەنىيلىكىنى ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقىغا رەھمەت».

  بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن 5000 يىللىق مەدەنىيلىك ئاساسى «شەيئىلەر خىلمۇخىل بولىدۇ، بۇ ئوبېيكتىپ ئەھۋال»دىن ئىبارەت ئەقىل - پاراسەتنى جۇغلىغان، «ئاسماندىنمۇ كەڭ» كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرگەن.

  «مەن دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا زىيارەتتە بولدۇم، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش بەش قىتئەنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىش، بۇ مەدەنىيلىكلەرنىڭ باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرىنى، ئۆزگىچىلىكىنى چۈشىنىش، بۇ مەدەنىيلىكلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش.» رەئىس شى جىنپىڭ قەلب ساداسىنى مۇشۇنداق ئىپادىلىدى.

  مېكسىكىنىڭ چىچېن ئىتزا مايا مەدەنىيلىكى خارابىسىدە، قەدىمىي مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئاجايىپ «ئۇچرىشىش»تىن زوق ئالدى؛ مىسىرنىڭ لۇكسور ئىبادەتخانىسىدا، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ئەسلىدى؛ ھىندىستاننىڭ ماخابالى پۇرام قەدىمىي ئىبادەتخانىلار توپىدا، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەنبەسىنى بايان قىلدى... ھەربىر قېتىملىق مەدەنىيلىك سۆھبىتى قەلبلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.

  «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان» «باراۋەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە بولغان» «سىغدۇرۇشچان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولغان» «تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى» «پەقەت سىغدۇرۇشچان بولۇش روھىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن قانداقتۇر <مەدەنىيلىك توقۇنۇشى> مەۋجۇت بولمايدۇ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»...

  2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك قارىشىنى ئېنىق ئىزاھلاپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ».

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىشنى نامايان قىلدى. يىغىن مەيدانىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 190دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، بىر رەڭگارەڭ گۈزەل كۆرۈنۈشنى گەۋدىلەندۈردى.

  «جۇڭگو رەھبىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ بۇرچى تەبىئىيلا بىر يەردىن چىقتى» دەپ باھا بەردى شۇ چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكوۋا.

  بەش يىلدىن كېيىن، 2019 - يىلى 5 - ئايدا، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى قاپلاپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

  «كۆپ خىللىقنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىشىمىز، ئىناق بىللە ياشاش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىشىمىز، يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىشىمىز، گۈللىنىپ ئورتاق ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مەدەنىيلىك قاتماللىقىدىن ھالقىشىمىز كېرەك...» ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل ئېلان قىلغان نەتىجە ھۆججىتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىغا بولغان كەڭ ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلدى.

  كامبودژادا زىيارەتتە بولغاندا، ئىمزالىق ماقالىسىدە جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇزاق يىل كامبودژادا يىلتىز تارتىپ، ئاڭكور مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدىغانلىقى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە ئۈستىدە توختالدى؛ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى كۈتۈۋېلىش مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت ھۆججەت ئىمزالاپ، پارىژ شېڭمۇيۈەن چېركاۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە شىئەن چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى لەشكەر - ئات ھەيكەللىرىنى قوغداش جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى...

  شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، مەيلى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بولسۇن، ياكى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان باشقا مەدەنىيلىك بولسۇن، ھەممىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىسى؛ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدارلىقىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش، تېخىمۇ تاللاشقا ئىگە كەلگۈسىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئۆزئارا چۈشىنىش جەريانىدا بىر - بىرىنى بىلدى، بىر - بىرىنى قەدىرلىدى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئورتاق سادا مەۋج ئۇردى.

  كۈزدىكى قۇياش نۇرىدا پاتنون ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالىچىپار تۈۋرۈكى بىر قەۋەت ئالتۇن رەڭ بەرگەندەك چاقناپ تۇراتتى. 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ ئىبادەتخانا ئېتىكىدىكى ئافىنا قەلئە مۇزېيىغا كىردى.

  «چوڭقۇر ئويغا پاتقان ئافېنا» قاپارتما ھەيكىلى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى.

  «بۇ، ئافېنا ئايال ئىلاھىنىڭ ئەمدىلا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ئارام ئېلىپ، چوڭقۇر ئويغا پاتقان ھالىتى بولۇپ، گەرچە ناھايىتى كىچىك قاپارتما ھەيكەل بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئېكسكۇرسىيەدە ھەمراھ بولغان شۇ چاغدىكى گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس ئۆزى «چۈشەندۈرگۈچى» بولدى.

  «ئۇ، ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ «ئۇرۇشنى توختىتىش ھەقىقىي جاسارەت» دېگەن جۇڭگو ئۆرنىكىنى سۆزلەپ بەردى. زۇڭتۇڭ پاۋلوپولوس بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن توختىماي باش لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ يىلى 5 - ئايدا، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندە، پاۋلوپولوس خۇشاللىق بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

  «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قانچىلىك ماددىي بايلىق ياراتقانلىقىدا بولۇپلا قالماي، يەنە قانداق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدا.» رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك قارىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تىلغا ئالغاندا، پاۋلوپولوس چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان بىر چوڭ دۆلەت بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى».

  «بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» «تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزۈلدۈرمەي، مەدەنىيلىكنىڭ شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز بۇ بىر ئەۋلاد سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىق.» رەئىس شى جىنپىڭ ئەنە شۇنداق كۆرسەتتى.

  «دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش كېرەك» «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش كېرەك» «مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش كېرەك» «خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش كېرەك» − ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، 2023 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭىدىن قۇدرەتلىك ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

  «ھەركىم ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش»، بۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى تەلپۈندۈرىدىغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پارلاق مەنزىرىسى!

  (4) داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ −

  «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك»

  دۇنياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت − ئىناقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن چوڭ دۆلەتنىڭ كۆڭلى - كۆكسىنىڭ كەڭلىكىدۇر، شۇنداقلا دەۋرگە ماسلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىدۇر.

  2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچقۇرۇن، شىۋېيتسارىيەدىكى كىچىك بازار داۋوستىكى دوف ۋوگزالىدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بولۇپ، ھاۋا سوغۇق ئىدى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سچۋاب ۋوگزالدىكى يول چىرىغى ئاستىدا تۇرۇپ، يىراقتىن كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى جىمجىت كۈتمەكتە ئىدى. قىزىل رەڭلىك مەخسۇس پويىز ئاستا - ئاستا ۋوگزالغا كىردى، سچۋاب پويىزغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  «سىز مېنى داۋوسقا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلدىڭىز، مەن ئىزچىل قايسى ۋاقىتتا كەلسەم ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشتىم. بالدۇر كەلگەندىن دەل ۋاقتىدا كەلگەن ياخشى. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدا تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق پەيتتە جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىش تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.» قەدىناس دوستلار كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ كەلگەنلىكىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان جۇڭگو سالمىقى، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەر قەلبىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان جۇڭگو ساداسى بولغاچقا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قاتنىشىشى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017 - يىل يىللىق يىغىنىدىكى «كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان ئىش»قا ئايلاندى.

  «دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ دېڭىز مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، ئۇ شۇ يەردە، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئالالمايسىز» «قورۇقچىلىق خۇددى ئۆزىنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويغانلىق بولۇپ، قارىماققا بوران - چاپقۇندىن دالدىلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنە قۇياش نۇرى ۋە ھاۋادىن ئايرىلىپ قالىدۇ»...

  «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى كەينى - كەينىدىن يۈزبەردى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى يامان ئەلپازدا يېتىپ كەلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى.

  شۇ چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مۇللېر باھا بېرىپ، جۇڭگو قۇدرەتلىك ھەم مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە «كاتالىزاتور»لۇق ۋە «يۆنىلىش يېتەكچىسى»لىك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، دېدى.

  ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى»دە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېيىلدى: «ھېچكىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوخشاش، ھازىرقى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئاسارىتى ۋە جەمئىيەتتە داۋالغۇش، ئەنسىزلىك ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى يەنە مۇشۇنداق قەتئىي قوغداپ باقمىدى».

  قويۇق تۇماننى يېرىپ ئۆتۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى؛ بوران - چاپقۇندىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  2018 - يىلى 11 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، دۇنيادىكى تۇنجى ئىمپورتنى باش تېما قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە − جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى «كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 35 پۇتبول مەيدانىدىن ئاشىدۇ» دەپ خەۋەر قىلدى.

  «ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگو بازىرىنىڭ <ئالتۇن رەڭلىك دەرۋازىسى>» «گەرچە قورۇقچىلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو دۇنيا سودىسىغا يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى» «بۇ، جۇڭگو ئەركىن سودىنى قوغداش ئۈچۈن بەرپا قىلغان ئەڭ مۇھىم يەرشارىۋى <يۇقىرى سۈرئەتلىك يول>»... ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، مەيلى قانداق مەسىلە، قانچىلىك چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ھەر نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  بەزى دۆلەتلەر قورۇقچىلىقنىڭ چىتلىقىنى قانچە ئېگىزلەتكەنسېرى، جۇڭگو نېمە ئۈچۈن دەرۋازىسىنى شۇنچە چوڭ ئېچىۋېتىدۇ؟

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى سىجىل تەرەققىي قىلماقچى بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بېكىنمىچىلىك قىلماستىن ئېچىۋېتىشتە، قارشىلاشماستىن ھەمكارلىشىشتا، يالغۇز ئىگىلىۋالماستىن ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك».

  چوڭ دەۋر چوڭ ئەندىزىگە ئېھتىياجلىق.

  دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە يېيىلماقتا، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلمەكتە، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى سىجىل كېڭەيمەكتە.

  «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» رەئىس شى جىنپىڭ بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانىيەت بىر پۈتۈن گەۋدە، يەرشارى بىر ماكان. ئورتاق خىرىس ئالدىدا، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىقىغا بولمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاشتىن ئىبارەت بۇ بىرلا چىقىش يولى بار».

  بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ رولى −

  2015 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پارىژغا بېرىپ، مۇھىم ئىدىيە، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەڭداشسىز تۆھپە قوشتى.

  2020 - يىلى 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش» ۋەدىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2021 - يىلى 76 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگونىڭ ئەمدى چېگرا سىرتىدا كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرمايدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  بۇ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىكى −

  2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغان كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى رەسمىي ماقۇللاندى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلاپ، يېڭى تەرەققىيات قارالمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈلگە بولدى. سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كارىدور رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان 20 - 30 نەپەر ھەرقايسى دۆلەت رەھبىرى بىلەن لىق تولدى.

  دەل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تەرەققىيات مەسىلىسى يەرشارىۋى ماكرولۇق سىياسەت رامكىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلدى، تۇنجى قېتىم ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشىگە كوللېكتىپ مەدەت بېرىلدى.

  بۇ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى −

  ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، جۇڭگو كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى يەرشارىۋى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگونىڭ سېربىيەگە ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ماددىي ئەشيالىرى بېلگراد ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۆزى چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيدى. «رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھمەت! جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت!»

  2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تۈركىيە، سۇرىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر، زور ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى −

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى پۈتۈن يەرشارىنىڭ كۆپ يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. رەئىس شى جىنپىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى چىقىش قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، نۆۋەتتە 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلات تەشەببۇسنى قوللىدى، 70كە يېقىن دۆلەت «يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسى»غا قاتناشتى.

  خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىكى سىجىل مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران ئۈچ تەرەپ قوشما بايانات ئىمزالاپ ھەم ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بەس - بەستە ئالقىشلىغان بۇ «تىنچلىق تەدبىرى» يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى كۈچلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

  يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىن يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغىچە، يەنە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغىچە، ئۈچ چوڭ تەشەببۇس ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ئەمەلىيەت يولى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى.

  «تۈرلۈك تەخىرسىز يەرشارىۋى خىرىسلار ئالدىدا، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى <نوھ كېمىسى>گە بىرلىكتە ئولتۇرغاندىلا، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى بولىدۇ.» ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغان كۈننىڭ ئەتىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي سۆز قىلدى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق.» «بىز ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىگىلىشى ۋە بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. پەقەت بىرلىكتە دۇنيادىكى داغدام يولدا ماڭغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ».

  «جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن <دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى> دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى قېرىندىشىم دەپ بىلىش، بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش، دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، <داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ> بولىدىغان گۈزەل دۇنياغا تەلپۈنۈپ كەلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنە شۇنداق كۆرسەتتى.

  بىر ياقىدىن باش چىقارغاندا، ئىناق بىللە ياشىغىلى بولىدۇ؛ تەقدىرداش بولغاندا، دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، دۇنياغا ئىلھام بېغىشلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ