شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2023 - يىللىق يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.03.28 10:41 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2023 - يىللىق يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك ئەمەس. جانلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2023 - يىللىق يىللىق يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى: پۇرسەت ۋە ھەمكارلىق» بولۇپ، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ