مالاۋى، موزامبىكنىڭ ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

​شى جىنپىڭ مالاۋى زۇڭتۇڭى، موزامبىك زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.03.24 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالاۋى، موزامبىكنىڭ ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا، موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇكىشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسسىق بەلباغ سىكلونى «فرېددى»نىڭ مالاۋى، موزامبىكتا ئېغىر، زور ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. دۆلىتىڭلارنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىڭلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ