مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچى 84 مىليونغا يەتتى

2023.03.30 10:13 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە: 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يېقىندا ئاخىرلاشقان، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 402مىليون ئەتراپىغا، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچى 84 مىليونغا، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر 293 مىليونغا يەتكەن؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38.3 ياش، ئوتتۇرىچە تەربىيلىنىش مۇددىتى 13.8 يىل ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ غايە - ئېتىقادى، باش قەھرىمانلىق ئورنى سىجىل مۇستەھكەملەنگەن، بارغانسېرى كۆپ ئىشچى – خىزمەتچى «ياخشى باش قەھرىمان بولۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش» «<14 - بەش يىل>دا تۆھپە يارىتىش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» قاتارلىق باش تېمىلىق ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشقان.يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ زورايغان. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر ئاساسلىقى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى، تېز يەتكۈزگۈچى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلار بولۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەرنى ئاساس قىلغان، يېزا نوپۇسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38.29 ياش بولۇپ، يېزا نوپۇسى %52.1نى ئىگىلىگەن، ئوتتۇرىچە تەربىيلىنىش مۇددىتى 13.16 يىل بولغان، ئۈچىنچى كەسىپتىكى كەسىپ ئىشچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىۋاتقان بولۇپ، %77.6 كەسىپ ئىشچىسى ياسىمىچىلىق ۋە بىناكارلىق كەسپىگە مەركەزلەشكەن.

  ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، تېخنىكا ماھارىتى ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. ئۈچىنچى كەسىپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيلىنىش مۇددىتى 14.5 يىل بولۇپ، بىرىنچى كەسىپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ 12.5 يىل، ئىككىنچى كەسىپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ 13.0 يىل بولغان. كەسپىي تېخنىكلار قوشۇنىنىڭ يېشى ئاساسلىقى 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولۇپ، مائارىپ، ياسىمىچىلىق، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

  ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. يېڭى كەسپىي ماھارەت ياكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر %95.3كە يېتىپ، بۇ نىسبەت 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.تونۇشتۇرۇلۇشچە، مەملىكەت بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدىكەن، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە «يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى» باش تېما قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ