زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىدىغان ئوفىتسېرنى ۋەزىپىدىن بوشاتتى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي 26-چېسلا پەرمان ئېلان قىلىپ، ئېدۋارد موسكاليوفنىڭ ئۇكرائىنا بىرلەشمە ھەرىكەت قىسمىنىڭ قوماندانىلىق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلغان، بۇ قىسىم نۆۋەتتە دونباس رايونىدا ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن.
زېلېنسكىينىڭ موسكاليوفنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى پەرمانى ئاددىيلا بىر قۇر سۆز بولۇپ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
موسكاليوف بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلاپ ئۇكرائىنا بىرلەشمە ھەرىكەت قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان. زېلېنسكىي 24-چېسلادىكى كۈندىلىك رەسمىيەتلىك سۆزىدە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئوفىتسېرلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موسكاليوفمۇ بار ئىكەن.
دونباس ئاساسلىقى دونېستىك ۋە لۇگانسىك رايونىدىن تەركىب تاپقان. رۇسىيە بۇلتۇر 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، دونباس ئىككى تەرەپ تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. يېقىندىن بۇيان، دونباسنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان باخمۇتتىكى جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ