مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەرخىللاشقان يېتەكچىلىك، ئەقلىيلەشكەن ئىقتىدار، يېشىللاشقان تىپ ئۆزگەرتىش خۇبېينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى

2023.02.07 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  ماشىنا قوزغىتىلدى، كەسكۈچ تىغ بېشى پولات ماتېرىياللارنى بىمالال ئويۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ئەتراپقا چاچتى. چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، خۇاگۇڭ پەن-تېخنىكا كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىدىكىلەر ئالدىراش بولۇپ كەتتى، سېختا تېخنىكلار پات ئارىدا چەت ئەلگە تارقىتىدىغان ئۈچ ئۆلچەملىك، بەش ئوقلۇق لازېر نۇرلۇق كېسىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەڭشەش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

  خۇاگۇڭ پەن-تېخنىكا كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما شىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شىركىتىمىزنىڭ <كوزىر مەھسۇلاتى> بولۇپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇرەككەپ ئەگرى يۈزلۈك زاپچاسلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئورۇن بەلگىلەشتىكى توغرا ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.03 مىللىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، چاچ دىيامېتىرىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغان توغرا ئېنىقلىقتا بەلگىلەپ چىقالايدۇ. ئىلگىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ كېسىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، خۇا جۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى %15 ئېشىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

  2022-يىل 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سەرخىل ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. پارتىيە 20–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ياسىمىچىلىقنىڭ سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خۇاگۇڭ پەن-تېخنىكا كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىىڭ تەرەققىياتى خۇبېينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.خۇبېي مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، سەرخىللاشقان يېتەكچىلىك، ئەقلىيلەشكەن ئىقتىدار، يېشىللاشقان تىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، «51020» زامانىۋى كەسىپلەر توپى ـــ ئوپتىكىلىق ئۆزەك ئېكران تورى، ئاپتوموبىل ياساش قاتارلىق 5 دانە تىرىليون دەرىجىلىك تۈۋرۈك كەسىپنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، ئىلغار ماتېرىيال قاتارلىق 10 دانە 500 مىليارد دەرىجىلىك ئەۋزەل كەسىپنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى. يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل، بېيدوۋ ۋە ئۇنى قوللىنىش قاتارلىق 20 دانە 100 مىليارد دەرىجىلىك ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈردى ۋە زورايتتى.

  دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 چوڭ ئايروپىلاندىكى يۆلەنچۈكىنى كەينىگە تەڭشەپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغىلى بولىدىغان «بۆشۈك شەكىللىك» يولۇچىلار ئورۇندۇقىنى كەسىپلەشكەن، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن، ئۆزگىچىلەشتۈرۈلگەن، يېڭىچە «تەرەققىيپەرۋەر كىچىك كارخانا» ـخۇبېي خاڭيۈ جياتەي ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقارغان. خاڭيۈ جياتەي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ تىڭجياڭ مۇنداق دېدى: «ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلارغا تەۋە بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر 5 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تەتقىقات خىراجىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، يەنە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۈسكۈنە، تەمىنلەش زەنجىرى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە شىركىتىمىزنى قوللاپ كەلدى. شىركىتىمىز ئۇدا 10 نەچچە يىل تىجارەت كىرىمىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سەرپ قىلىپ، ئاۋىياتسىيە ئورۇندۇقىنىڭ ھادىسە بىخەتەرلىكىدىكىئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارادىكى ئاساسلىق سودا ئايروپىلانى ياساش سودىگەرلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېتىش سوممىمىز زور دەرىجىدە ئاشتى».

  سەرخىللىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەل بايلىقى توپلىنىپ، كەسىپ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش تېزلىتىلدى؛ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى... خۇبېيدا كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2022-يىلى ئۆلكە بويىچە نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، 17 پەن-تېخنىكا چوڭ مەخسۇس تۈرى، 854 نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرى تەشكىللەپ يولغا قويۇلدى؛ خۇبېيدىكى توققۇز تەجرىبىخانا ئەمەلىي گەۋدە بويىچە ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تۆمۈريول رېلىسىنى توردا كۈچەيتىش ۋە رېمونت قىلىش ماشىنىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خۇبېي خۇيتيەن يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يېپىشقاق ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ ئۈنۈمى بەش ھەسسە ئاشتى؛ سانائەت ئالاقە تورىنى نىشانلاپ، دوڭفېڭ لەنتۇ ئاپتوموبىل پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى G5لىق تولۇق تۇتاشقان زاۋۇت قۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە بوشلۇق تەننەرخىنى %30 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتتى... خۇبېيدا ياسىمىچىلىقنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  خۇبېيدا «تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىقنى نامايان قىلىش»ھەرىكىتى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ زاۋۇتتا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، G5 قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئىتېراتسىيە ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئەقلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  2022-يىلى خۇبېي ئۆلكىسى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىدىن 2469نى يولغا قويۇپ، 333 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە قۇرۇلۇۋاتقان G5 تولۇق تۇتاشتۇرۇلغان زاۋۇت 108گە يېتىپ، 46 مىڭ سانائەت كارخانىسى بۇلۇتقا چىقىرىلىپ، قاپلاش نىسبىتى ٪45 تىن ئاشتى. كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنى رەقەملىك كونترول قىلىش نىسبىتى ٪58.1 كە يەتتى.

  خۇبېي شياڭيۈن گۇرۇھى خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئاردېئالىت داشقىلىنى ئىككىنچى قېتىم سۈزۈش، سۈمۈرۈپ قۇرۇتۇش، فوسفورنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلدى. جۇڭگو ۋۇخۇەن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاردېئالىتنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئاردېئالىتتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ٪60تىن ئاشۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  خۇبېي يېشىل ياسىمىچىلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ئىلغار مۇھىت ئاسرايدىغان، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىدىغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك يېشىل مەھسۇلاتتىن 33نى، يېشىل زاۋۇتتىن 53نى بەرپا قىلدى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. 2022-يىلى، خۇبېيدا دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون كارخانىدىن 12سى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كىچىك گىگانت كارخانىدىن 303ى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتى %21.7 ئېشىپ، سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %41.2 بولدى.

  «بىز ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئسىتىراتىگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، كەسىپ سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈمىز» دېدى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ