خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. قارارغا ئاساسەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى يېقىندا رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپىنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ