«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس سانىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى ئېلان قىلىندى
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى
2022.11.01 20:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان 21-سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» تېمىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىندى؛ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى كاتىبات باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى ئېلان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ