شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەنگە بېرىپ، يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى

2022.10.31 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شىنى باشلاپ، يەنئەنگە بېرىپ يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.27-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 7-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايى ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى قاتارلىقلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى ھەمدە يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىكى «ئۇلۇغ مۇساپە ـ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى 13 يىللىق تارىخى كۆرگەزمىسى » نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ