مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كورېيە سېئۇلدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.11.01 11:05 مەنبە: خەلق تورى

  10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيە سېئۇلدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە پايتەختى سېئۇلدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىرنەچچە جۇڭگو پۇقراسى بەختكە قارشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى، كورېيە تەرەپنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ قۇتقۇزۇشىنى ھەمدە كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ