مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.10.31 10:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەندا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ئىۋان گرىنبېرگنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى، كومىتېت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەرىپلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا ھەم خاتىرجەم ئەمەس، شۇنداقلا تىنچ ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشتىكى توغرا يولنى تېپىپ چىقىشنى خالايدۇ، بۇ، ھەم ئىككى دۆلەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ