شى جىنپىڭ يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى​

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى ۋە يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك

2022.10.31 10:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شىنى باشلاپ، يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ياڭجيالىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن ئورنىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يەنئەن، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شىنى باشلاپ، مەخسۇس بېيجىڭدىن شەنشى يەنئەنگە بېرىپ، يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللىرىنى قايتا ئەسلەپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ مول تۆھپە، ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تارىخقا ۋە خەلققە يېڭى، ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش قەتئىي ئىشەنچىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ھالدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، يەنئەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ياڭجيالىڭ ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنىغا كەلدى. 1938 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى فېڭخۇاڭشەن تېغىدىن ياڭجيالىڭغا كۆچۈپ كەلگەنىدى. ياڭجيالىڭدىكى مەزگىلدە، پارتىيەمىز مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيىنى ئاچتى، يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن ئورنىغا كەلدى. 1945 - يىلى 4 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى مۇشۇ يەردە ئېچىلغانىدى. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندا پەقەت 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ۋاقىتتا، 1 مىليون 210 مىڭ پارتىيە ئەزاسى بار بولدى. شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا ئاستا قەدەم بىلەن كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى پارتىيە تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىياسىي جەھەتتە، پارتىيەمىز يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى ماۋ زېدۇڭ بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىسلىسىز بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىدىيە جەھەتتە، پارتىيە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى. تەشكىلىي جەھەتتە، پارتىيە ماۋ زېدۇڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن بىر سىياسىيونلار گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى پارتىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ كېيىن ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، توغرا يول ئېچىپ بەردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كېلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ياڭجيالىڭدىكى ئىنقىلابىي كەچۈرمىشلىرىنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يەنئەن مەزگىلىدە، ياڭجيالىڭ ماۋ زېدۇڭ ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان جاي بولۇپ، مەشھۇر «گەمىدىكى سۆھبەت» دەل مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان. «گەمىدىكى سۆھبەت»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇنىڭدا قانداق قىلىپ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىش، ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، سىياسەت، پەرمانلىرىنىڭمۇ ئەمەلدىن قېلىشىدىن ساقلىنىش، ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلگەن. «گەمىدىكى سۆھبەت»تە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنى بولغان يەنئەن پارتىيەمىزنىڭ يەنئەن مەزگىلىدە جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولغان بولۇپ، ئۇ، مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىتاب، ھەر قېتىم كەلگەندە، ئۆتمۈشنى ئەسلەش ئارقىلىق يېڭىنى بىلىپ، چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھامغا ئىگە بولىمەن. ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياڭجيالىڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  چۈشەندۈرگۈچى ئەينى يىللىرى شىمالىي شەنشى خەلقى خەلق ناخشىسى «بەيمادياۋ» ئاساسىدا ناخشا «شەرق قىزاردى»نى ئىجاد قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى ھەم بۇ ناخشىنى نەق مەيداندا ئېيتىپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان، ماۋ جۇشىنى مەدھىيەلەيدىغان بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى خەلق ئاممىسى ئۆزى ئىجاد قىلغان، بۇ، خەلقنىڭ ماۋ زېدۇڭنى تاللىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ماۋ زېدۇڭنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ھالدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يەنئەن ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ مۇساپە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى 13 يىللىق تارىخى توغرىسىدىكى كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  1935 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە، يەنئەننى مەركەز قىلغان شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك مەركىزى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق كۈرىشىنىڭ باش ئارقا سېپى بولغان. كۆرگەزمىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى، يەنئەندە پۈتۈن مەملىكەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبىگە قاراپ ماڭغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق نامايان قىلىنغانىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى نىشان نۇقتىسى»، «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك مەركىزى»، «يېڭى دېموكراتىزمنىڭ نەمۇنىلىك سىناق رايونىنى بەرپا قىلىش»، «مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى»، «يەنئەن روھى مەڭگۈ شانلىق نۇر چاچىدۇ» قاتارلىق كۆرگەزمە مەزمۇنلىرىنى تەرتىپ بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنئەندە تۇرغان مەزگىلدىكى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندا، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، يېڭى جۇڭگونىڭ بۆشۈكى. 1935 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار يەنئەندە 13 يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ ۋە كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ تۆۋەن دولقۇندىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ھەيۋەتلىك باۋتاشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەنخې دەرياسى. يەنئەن بەش خىل قارا ئاشلىقى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئوزۇقلاندۇردى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىغا مەدەت بەردى. يەنئەن ۋە يەنئەن خەلقى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، بىز بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مەن يەنئەن رايونىدا يەتتە يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، ئەمگەك قىلدىم، مېنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىممۇ مۇشۇ يەردىن مېڭىپ چىققان، مەن بۇ يەرنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن. ئەينى يىللىرى شىمالىي شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەن چېغىمدا، ھەر قېتىم يەنئەندىن ئۆتسەم، 7 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان يىغىن ئورنى، ياڭجيالىڭ، زاۋيۈەن، فېڭخۇاڭشەن تېغى قاتارلىق ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى كۆرۈپ كېتەتتىم. مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم يەنئەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يەنئەن مەزگىلىدە پارتىيە شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىمىز، يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنئەن مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ۋە جارى قىلدۇرۇلغان شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىل، قەتئىي، توغرا بولغان سىياسىي يۆنىلىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەن، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەت، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن، شەكىللەندۈرۈلگەن يەنئەن روھى پارتىيەنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەتئىي، توغرا بولغان سىياسىي يۆنىلىش يەنئەن روھىنىڭ جەۋھىرى. 1938 - يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىدە «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «ئالدى بىلەن بىر سىياسىي يۆنىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنئەن مەزگىلىدە، پارتىيە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت «بۇ قوشۇن پۈتۈنلەي خەلقنى ئازاد قىلىشنى كۆزلەيدۇ، تامامەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دەپ تەكىتلەپ، پارتىيە كادىرلىرىدىن «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇش»نى تەلەپ قىلىپ، «پەقەت خەلقنىڭ خىزمەتكارلىرىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان، ئەمەلدارلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان» جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيە يەنئەندە ماكانلاشقاندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ ھەربىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشى سەۋەبلىك، شارائىت ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. يەنئەندىكى ئارمىيە ۋە خەلق يولداش ماۋ زېدۇڭ چىقارغان «ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلىسەك، كىيىمىمىز پۈتۈن، قورسىقىمىز توق بولىدۇ» دېگەن چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە كۈچلۈك مەدەت بەردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، مەيلى كەلگۈسىدە ماددىي تۇرمۇشىمىزنىڭ قانچىلىك مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەينى يىللىرى يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار يەنئەندە گەمىدە تۇرۇپ، قارا ئاشلىق يەپ، ماتا كىيىم كىيىپ، «يەنئەن ئىستىلى» ئارقىلىق «شىئەن ئىستىلى»نى مەغلۇپ قىلغانىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە كوممۇنىستلار قالدۇرغان شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنئەن مەزگىلىدە، پارتىيەمىز قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئۈستۈن كۈرەش قىلىش ماھارىتى بىلەن، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، شىئەن ۋەقەسى، «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى، چۇڭچىڭ سۆھبىتى قاتارلىق بىر قاتار ئېغىر، زور خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابىي كۈرەشكە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ ۋە قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونىغا قاراتقان نۇقتىلىق ھۇجۇمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى، سۆك ۋە مىلتىققا تايىنىپ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى تۈزۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بىز يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنايلى!

  يولغا چىقىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ھەم پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، پارتىيە مەكتىپى كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى، كىشىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ليۇ گوجۇڭ، چېن شى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شىنى باشلاپ، يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا «ئۇلۇغ مۇساپە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى 13 يىللىق تارىخى توغرىسىدىكى كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئاخىرلاشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ