مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى شى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2022.10.31 11:26 مەنبە: خەلق تورى

  10–ئاينىڭ 26–كۈنى، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  لى شى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20– قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى روھىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخىي ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىنى ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىشى؛ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.لى شى مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت رېۋىزىيەسىنى يۈرگۈزۈش مەخسۇس مەسئۇلىيەت ئورگىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم-قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل توغرىلاش-ئىنتىزام چىڭىتىشنى قاتتىق رىتىم ئارقىلىق كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېت، دەل جايىدا دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى نەمۇنىلىك ئىجرا قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىنگو يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ