مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2022.10.31 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سىياسىي، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭ سىياسەت - فاڭجېن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۈزدى، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پۈتۈن پارتىيە ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ■

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سىياسىي، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭ سىياسەت - فاڭجېن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۈزدى، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پۈتۈن پارتىيە ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ھەم ئۇنىڭ ئابىدىلىك ئەھمىيىتى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور پىرىنسىپ قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، 2035 - يىلىغىچە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي نىشانى ۋە كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلار ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پەقەت ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگەنگەندىلا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار دوكلاتنى ئەينەن ئۆگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشنى قۇرۇلتايدىكى بىر قاتار سۆزلەر ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باغلاپ ئۆگىنىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ئىنتايىن جانلىق بولدى، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزمۇ جانلىق بولۇشى، بەزى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ئەستە تۇتۇش بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە زىچ باغلاپ، بۇ يىللاردىن بۇيان بىز بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ قالتىس مۇساپىگە باغلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە باغلاپ، خەلقئارا مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭدا ھەم سىياسىي جەھەتتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ھەم نەزەرىيە جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا نىشان ئىلمىي بېكىتىلگەن ۋە خىزمەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، بۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئورگانىك بىرلىككە ئىگە. تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيلىقتىن قىسمەنلىككە، ئاندىن قىسمەنلىكتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ قايتا - قايتا پىكىر يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىنى بىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى بىلمەسلىكتىن، بىلسىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا تونۇش، ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، بۇ ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ پارتىيەگە، جۇڭگو خەلقىگە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 - ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر ھەم ئۇزاق تەسىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە چوقۇم پۇختا ئىگىلەش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور پىرىنسىپلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنىڭ نەزەرىيە تىرىكى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، شۇ ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتمىغاندا، ھەر قانچە ياخشى پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرما بولۇش، باش نىشان، ئومۇمىي يۆنىلىش، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى تۈزۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي بىيۇرودىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە ياكى باشقۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قاتارلىق ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم سۈرئەتنى تۇتۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەر يېقىنقى مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك، شۇنىڭدەك ئۇزاق مەزگىللىك بولۇپ، ئىشنىڭ جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىش، ھەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇش، ھەم ئۇزاقنى كۆزلەش، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي بىيۇرودىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە باشلامچىلىق بىلەن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇل خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سولغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئورگانلارغا يەتكۈزۈش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش، شەھەر - يېزا، مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈش، مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش، ھەربىي گازارمىلارغا يەتكۈزۈش، تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈش، تور بېكەتلىرىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار كادىرلارنى مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىشى، ھەم ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ھەم تەشۋىقاتچى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى كېرەك. تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى تارماقلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تاشقى تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ