مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2022.10.31 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛چېن يىشىننى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37–قېتىملىق يىغىنى 10– ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن چارۋىچىلىق قانۇنى ماقۇللاندى؛ چېن ۋېنچىڭنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، چېن يىشىننى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا 122-، 123-، 124 -، 125-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 132 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىگە ئالاقىدار قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارىئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن– مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى ئايرىم–ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، شى تەيفېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ–پەن–مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  يىغىندا ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياڭ شياۋچاۋ، شۈ لىڭيى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، سۈن شىنياڭ، ليۇ شۆشىن، جاڭ فۇخەي دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ لۇ شى، بەي شاۋكاڭ، چېن چاۋيىڭ، جياڭ شىنجى، لىڭ جى، سۈي پېڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ۋاڭ شياۋپىڭ، ۋاڭ ئەيۋېن، شۈ لودې، لى شىنرەن، جاۋ شىيۇڭ، يىن بەي، مۇ خۇڭيۈ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ چېڭ لىفېڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، قىسمەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ