مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەي چى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

2022.11.01 00:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش لازىم.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش __ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا تەشۋىق قىلىشتا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئېنىق سۆزلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتكەنلىكىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەش لازىم.

  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقاتقا قاتناشقان يولداشلار تەشۋىقات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەينەن ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، چوڭقۇر، جايىدا سۆزلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي رېتىمنى توغرا ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە تاراتقۇلار تەشۋىقاتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قاراتمىلىق جاۋاب بېرىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز تەشۋىقات-مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ