شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇجۇڭغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى ھەمدە داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2022.11.01 19:52 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇجۇڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى ھەمدە داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇجۇڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى ھەمدە داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ھەيۋەتلىك ئالتۇن رەڭلىك زال تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان ئىدى، چوڭ قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا «دوستلۇق ئوردېنى»نىڭ نۇسخىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

  مۇراسىم باشلانغاندا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت قەدەم بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، ئوردېن بېرىش سۇپىسىغا چىقىپ، ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلدى.

  مۇراسىم مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ نۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىللە زالغا كىردى. جۇڭگو ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن نۈەن فۇجۇڭ ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقتى.

  ھەربىي ئوركېستىر ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى.

  ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «دوستلۇق ئوردېنى»نى قوغداپ مەيدانغا كىردى.

  مۇراسىم كانىيى چېلىندى، شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا نۈەن فۇجۇڭنىڭ مەيدىسىگە ئوردېن ئاستى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى نۈەن فۇجۇڭ تەۋرەنمەس ماركسىزمچى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېقىن ھەم سەمىمىي دوستى. باش شۇجى نۇەن فۇجۇڭنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەملەندى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. «دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ باش شۇجى نۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لىق چوڭقۇر دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئىنتىلىشتەك سەمىمىي ئۈمىدى سىڭگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتاش يېقىن ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، مەسلەكداش، تەقدىرداش ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى باش شۇجى نۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى بىلەن بىللە ماۋ زېدۇڭ، خۇ جىمىڭ قاتارلىق ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزقولى بىلەن ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  نۇەن فۇجۇڭ جاۋابەن سۆز قىلدى. نۈەن فۇجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ئالىي شەرەپ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە، شۇنداقلا مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىيېتنامنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ۋىيېتنامنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنام-جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا بولغان غايەت زور ئىلھام. مەن بۇ ئالىي شەرەپنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن، ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا ۋىيېتنام خەلقى بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇمەن. ۋىيېتنام-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىنى، «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ۋىيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىنى تىلەيمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ نۇەن فۇجۇڭ بىلەن چاي ئىچكەچ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ