مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئەۋەتكەن رەھمەت خېتى

2022.10.26 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، قۇرۇلتاي سىلەرنىڭ قىزغىن تەبرىك خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە سەمىمىي سالام يوللايدۇ!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلارنى تۈزۈپ چىقتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق تۈردە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق تۈردە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق تۈردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. قۇرۇلتاي تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىل بىرلىك سەپ سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىرلىك سەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قازىنىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر - بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىستىل ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

  ھۆرمەت بىلەن

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ